بلىنكېن ۋە رۇبىيو خىتاي تۈرمىسىدىكى دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇنىڭغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن ۋە كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان تۋىتتېر ئۇچۇرىدا، ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئانتونىي بلىنكېن 12-ئىيۇندىكى تۋىتتېر ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈن گۈلشەن ئابباسنىڭ 59 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى، شۇنداقلا ئۇ شىنجاڭدا ناھەق قامالغان ئۈچىنچى تۇغۇلغان كۈنى. ئۇنىڭ يېقىنلىرى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تەبرىكلەشكە ھەقلىق. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشى كېرەك.»

گۈلشەن ئابباس خانىم ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى روشەن ئابباس خانىمنىڭ ئاچىسى بولۇپ، ئۇ 2018-يىلى 10-سېنتەبىر خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن بېرى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. بىراق يېقىندا رادىيومىز گۈلشەن ئابباسنىڭ 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيومۇ تۋىتتېر ئۇچۇرى ئېلان قىلىپ، گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇنىڭغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى.

ئۇ مۇنداق دەپ يازدى: «بۈگۈن دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا شىنجاڭ لاگېردا ئۆتكەن ئۈچىنچى تۇغۇلغان كۈنى. بىز ئۇنىڭ چېھرىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، ئۇنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيىسىگە داۋاملىق بېسىم قىلىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، گۈلشەن ئابباسقا ئەركىنلىك.»

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا گۈلشەن ئابباسنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا نەقىل قىلىشىچە، گۈلشەن ئابباسنىڭ ئامېرىكادىكى ئاكىسى دوختۇر رىشات ئابباس «بىگۇناھ ھالدا تۈرمىگە تاشلانغان سىڭلىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى باياناتىدا يەنە «ھېچقانداق بىر ئائىلىنىڭ رەھىمسىز ھەمدە ۋەھشىي ھاكىمىيەتنىڭ قولىدا بۇ قەدەر ئازاب-ئوقۇبەتكە مۇپتىلا قىلىنماسلىقى لازىم» لىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۆز تەشكىلاتىنىڭ دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ئىتالىيە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن نەپ ئېلىشنى قاچان توختىتىدۇ؟

ئىتالىيە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن نەپ ئېلىشنى قاچان توختىتىدۇ؟ كوممۇنىزىم قۇربانلىرى فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئادرىيان زېنىزنىڭ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىۋاتقان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولغان پەمىدۇرلار «Made

«سۇنماس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى»نىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى خۇدسون ئىنىستىتۇتېدا

«سۇنماس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى»نىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى خۇدسون ئىنىستىتۇتېدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ «سۇنماس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» ناملىق كىتابىنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى 6-ئاينىڭ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻛﻮﭘﯩﻨﺨﺎﮔﯧﻦ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﺘﻰ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻛﻮﭘﯩﻨﺨﺎﮔﯧﻦ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﺘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻛﻮﭘﯩﻨﺨﺎﮔﯧﻦ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﯞﯦﻨﯩﺴﯘﺋﯩﻼ ﺋﯚﻛﺘﯩﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻩﮪﺒﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﯩﮕﻪﻥ Rune Steenberg ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﯩﮕﻪﻥ Rune Steenberg ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮪﻪﺭﻛﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﻰ ﺳﺎﻧﯩﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺩﺍﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺱ Rune Steenberg ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ «ﻛﻮﭘﯩﻨﺨﺎﮔﯧﻦ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ» ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ «ﻛﻮﭘﯩﻨﺨﺎﮔﯧﻦ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ» ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ «ﻛﻮﭘﯩﻨﺨﺎﮔﯧﻦ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ» ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﻰ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ Engin Eroglu, ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯧﺮﻯ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺯﺍﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﭘﯩﻨﺨﺎﮔﯧﻨﺪﺍ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺯﺍﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﭘﯩﻨﺨﺎﮔﯧﻨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺯﺍﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ، ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺗﻮﮪﺘﻰ، ﺋﯚﺭﻛﻪﺵ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﻏﻪﻳﯘﺭ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻼﺭ ﺩﺍﻧﯩﻴﻪ ﭘﺎﻗﻴﺘﻪﺧﺘﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ «ﻛﻮﭘﯩﻨﺨﺎﮔﯧﻦ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ» ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ،

ﺩﺍﻧﯩﻴﻪ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﭼﯩﮕﺮﺍ ﮪﺎﻟﻘﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ

ﺩﺍﻧﯩﻴﻪ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﭼﯩﮕﺮﺍ ﮪﺎﻟﻘﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ «ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺩﻭﻛﻼﺗﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺩﺍﻧﯩﻴﻪ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﮪﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﭼﯩﮕﺮﺍ

جون بېكنىڭ «تۇتقۇن قىلىنىدىغان ئاشۇ ئادەملەر» ناملىق يېڭى كىتابىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ماھىيىتى ئېچىپ بېرىلگەن

جون بېكنىڭ «تۇتقۇن قىلىنىدىغان ئاشۇ ئادەملەر» ناملىق يېڭى كىتابىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ماھىيىتى ئېچىپ بېرىلگەن جون بېكنىڭ «تۇتقۇن قىلىنىدىغان ئاشۇ ئادەملەر» ناملىق يېڭى كىتابىدا خىتاينىڭ يۈكسەك نازارەت سىستېمىسىنى