ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ بارغانسىرى خىتايغا كۈچۈكلىنىشى، ئۇنىڭ ئوبرازىنى سۇندۇرماقتا
ئۆز ۋاقتىدا، شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىگە قارىتا: «بىز ئۇيغۇرلارنى دەپ، خىتاي بىلەن يامانلىشىپ قېلىشنى خالىمايمىز» دېگەن تەلەپپۇزدا سۆز قىلغان مالايسىيانىڭ باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم، كېيىنكى يىللىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى مالايسىيادا كۈن تەرتىپكە كەلتۈرۈش تېرىشچانلىقىغا چەكلىمە قويۇشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەت بوشلۇقىنى تارايتىشقا باشلىغان ئىدى. بۇنىڭ تىپىك ئۆرنەكلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسنى مالايسىيا تاموجنىسىدا تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ كىرىشىنى چەكلىگەن ۋە ئامېرىكىغا قايتۇرىۋەتكەنلىكى ۋەقەسى ئىدى.
يېقىندا ئەنۋەر ئىبراھىم ئەلجەزىرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «تەيۋەن خىتاينىڭ بىر پارچىسى، خىتاينىڭ تەيۋەننى كۈچ ئىشلىتىپ بويسۇندۇرۇش ھەققى بار …» دېگەن مەزمۇندا سۆز قىلىپ، خەلقارادا ئۆزىنىڭ پىشقان، تەجرىبىلىك دېپلوماتلىق ئوبرازىنى سۇندۇرغان.
مالايسىيا بىلەن 57 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى بولغان تەيۋەن، ئەنۋەر ئىبراھىمغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي بولسا، ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ سۆزلىرىنى ئالقىشلاپ، ئۇنىگغا رەھمەتلىرىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئادەمگە، قېرىغاندا خىتايغا بۇقەدەر كۈچۈكلىنىشنى نېمە قويدى؟
