ئەنگىلىيەنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىتىراپ قىلىش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغانلىقى

ئەنگىلىيەنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىتىراپ قىلىش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغانلىقى
سىياسەت ئۆيى (Politics Home)نىڭ يېڭى دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، ئەنگىلىيەدىكى ئىشچىلار پارتىيەسى 2024-يىللىق سايلامدىن ئىلگىرى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنىي يوللىرىنى ئىزدەش»كە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، تاكى بۈگۈنگىچە بۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغان.
خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئىتىراپ قىلىش، ئۆز ۋاقتىدا ئىشچىلار پارتىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەنگىلىيە پارلامېنتىدىكى بىرقىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ئارىسىدا مۇھىم تېما ھالىغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى قانۇنىي يوللار ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىرىش تېرىشچانلىقى كۆرسىتىلمىگەن.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ: