7-8-ئىيۇل كۈنلىرى رۇمىنىيە پايتەختى بۇخارېستتا چاقىرىلغان خەلقئارا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ 22-نۆۋەتلىك ئاخبارات ۋە بىخەتەرلىك مۇنبىرى يىغىنىغا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا قاتارلىق 61 دۆلەتتىن 300 دىن ئارتۇق دۆلەت ئەربابلىرى، سىياسىيونلار، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە مۇخبىرلار بىۋاسىتە ھەم تور ئارقىلىق قاتناشقان. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا رۇمىنىيەنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى روبېرت، باش مىنىستىرى نىكولاي چۇكە ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى مارسېل، ناتو نىڭ سابىق بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى گېن. جامېس، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى تەممي بالدۋىن ۋە ئامېرىكانىڭ رۇمىنىيەدىكى ئەلچىسى كارن ئېنستروم قاتارلىقلار نۇتۇقلار سۆزلىگەن.
نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ باش مىنىستىرلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىۋاسىتە ياكى تور ئارقىلىق قاتناشقان بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىملار تەكلىپكە بىنائەن قاتناشقان ھەم نۇتۇقلار سۆزلىگەن.
مەزكۇر يىغىندا جەمئىي 70 گە يېقىن كىشى نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، يىغىننىڭ 7-ئىيۇلدىكى «ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش، يەرشارىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» ھەم «دىپلوماتىيەنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى» دېگەن مەزمۇنلار باش تېما قىلىنغان قىسمىدا ئۇكرائىنانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى سۆز قىلىپ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە دۇنيا تىنچلىقى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتكەن. يىغىندا سۆز ئالغان نۇرى تۈركەل ئەپەندى، يىغىن ئەھلىنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىرگە، خىتاي تەھدىتىگىمۇ سەل قارىماسلىقنى، خىتاينىڭ دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى ھازىردىن باشلاپ تۈزۈلمىگەندە، خىتاي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ كېلەچەكتە تېخىمۇ ئېغىر بەدەللەر تۆلەشكە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «خەلقئارا جەمئىيەت پۇتىنغا قارشى تۇرۇش، ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىشنىڭ پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە، خىتايغا دىققەت نەزىرىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈشتىن ئۇزاقتا قالماسلىقىمىز لازىم. خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنياغا قارىتا كۈنتەرتىپكە ئالغان ھازىرلىقلىرى، دۇنيانى ئۇكرائىنانىڭ ۋەزىيىتىدىنمۇ قېيىن ۋەزىيەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. خىتاينىڭ بۇ خىل تەھدىتىنى ھېس قىلماسلىقنىڭ بەدىلى، ئۇكرائىنانى قورال-ياراق بىلەن تەمىنلەپ رۇسىيەنى توسۇشنىڭ تەننەرخىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ».
خەلقئارا پارلامېنت ئەزالىرى ئاخبارات ۋە بىخەتەرلىك مۇنبىرىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىم مەزكۇر يىغىننىڭ 7-ئىيۇلدىكى «ئادەم ئەتكەسچىلىكى ۋە تېررورىزم» ناملىق بۆلۈكىدە سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خاتا تونۇشلىرىغا ئىزاھات بېرىش مەقسىتىدە، سۆزىنى: «مەن بىر ئۇيغۇر، جۇڭگولۇق ئەمەس، ئۇيغۇرلار جۇڭگولۇق ھېسابلانمايدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆزىگە خاس تىل، مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقادقا ئىگە ئايرىم بىر مىللەت. شۇ سەۋەبتىنمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئارقىلىق يوقىتىۋاتىدۇ» دېگەن ئىبارىدىن باشلىغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن بۈگۈن بىر زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن گەپ قىلىۋاتىمەن. مەن تۇرمۇشى مۇكەممەل، كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان بىر ئانا ئىدىم. مەن خىزمىتىمدىن ئايرىلىپ، پۈتۈن كۈنۈمنى دۇنيانى كېزىپ خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشقا سەرپ قىلىمەن، دەپ ئويلاپ باقمىغان. مەن كۈنلىرىمنى ھەدەمنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بۇنداق بىر زۆرۈرىيەتنىڭ تۇغۇلىشىنىمۇ ئويلاپ باقمىغان. مەن 21-ئەسىردە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ كۆز ئالدىمىزدىلا جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، خەلقىمىز ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ۋە خەلقىمىزنى قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى ھېچ ئويلاپ باقمىغان. 2018-يىلى مەن خۇدسون ئىنستىتۇتىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پاش قىلىپ نۇتۇق سۆزلەپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، خىتاي ھەدەم گۈلشەن ئابباسنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، مېنى غايىب بولغان قېرىندىشىمنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان بىر قىسمەتكە دۇچار قىلدى. ھەدەم گۈلشەن ئابباس ئاق كۆڭۈل، تىنچلىقسۆيەر، سىياسىيدىن خالى ئاددىي بىر ئايال ئىدى. بۈگۈن مەن ئۇنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتىمەن ۋە سىلەرگە ئۇنىڭ ھەققىدە سۆز قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمەن».
روشەن ئابباس خانىم سۆزىدە، ئىنسانپەرۋەرلىك، كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك، دېموكراتىيەنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان لىدېرلارنىڭ، چولپانلارنىڭ، مەشھۇر زاتلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا توغرا كەلگەندە زۇۋانى تۇتۇلۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «سىلەردىن خىتايدىن ئېرىشىۋاتقان مەنپەئەتلىرىڭلارنىڭ سىلەرنىڭ ئەركىنلىكىڭلار ۋە دېموكراتىيەڭلار ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىڭلار ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان ۋە ئۇلاردىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىگە چىقىشنى تەلەپ قىلغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان روشەن ئابباس خانىم خەلقئارا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ 22-نۆۋەتلىك ئاخبارات ۋە بىخەتەرلىك مۇنبىرى يىغىنىدا ئۆزىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېررورىست تەشكىلات بولغانلىقىنى مىساللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يىغىندا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ رادىكال مىللەتچىلىك بىلەن بۈگۈنكى زامان تېخنولوگىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ، خەلقىمىز ئۈستىدىن ئېغىر دەرىجىدە باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ھازىرغا قەدەر ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر ۋە شاھىتلارنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. دۇنيادىكى ئىنسانپەرۋەرلىك، كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك، دېموكراتىيەنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان نۇرغۇنلىغان رەھبەرلەرنىڭ، چولپانلارنىڭ، مەشھۇر زاتلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا توغرا كەلگەندە زۇۋان سۈرەلمەيۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئادالىتىدىن، سەمىمىيىتىدىن گۇمانلىنىشقا توغرا كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدىم. مەن سۆزگە چىققان مۇنبەردىكى ئاساسىي تېما ‹ئادەم ئەتكەسچىلىكى ۋە تېررورىزم› بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن خىتاينىڭ تەشكىللىك، پىلانلىق ھالدا بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى ئۈستىدىن ئەتكەسچىلىك ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، تۈركۈملەپ خىتاي زاۋۇتلىرىغا مەجبۇرىي يۆتكىلىپ قۇل ئىشچى قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭ يارقىن بىر مىسالى ئىكەنلىكىنى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېررورچى تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن دۆلەت تېررورى يۈرگۈزۈپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويدۇم».
رۇمىنىيە پايتەختى بۇخارېستتا چاقىرىلغان خەلقئارا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ 22-نۆۋەتلىك ئاخبارات ۋە بىخەتەرلىك مۇنبىرى يىغىنى گەرچە ئاساسىي جەھەتتىن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە دۇنيا تىنچلىقى مەسىلىسى بېغىشلانغان بولسىمۇ، نۇرى تۈركەل ۋە روشەن ئابباسلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى نۇقتىلىق تەكىتلىشى سەۋەبىدىن جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى يىغىندا مۇھىم بىر تېما ئورنىنى ئالغان.