«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» 2021-يىللىق «دېموكراتىيە جاسارىتىگە ئېھتىرام» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم ھەدىسى گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 17-دېكابىر، ۋاشىنگتون.

يىللاردىن بۇيان دېموكراتىيە غايىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئارزۇلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما بۇنىڭغا توسقۇن بولغۇچى كۆپلىگەن ئامىللارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەمدە قىسمەن جايلاردا دېموكراتىيەنىڭ ئورنىنى دىكتاتورىلىقنىڭ ئىگىلىشى ئ‍ىزچىل دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققەت-نەزىرىدە بولۇپ كەلگەن ھادىسىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۆز نۆۋىتىدە ئەنە شۇ خىلدىكى سەلبىي ھادىسىلەرنى، جىنايەتلەرنى ھەمدە قەبىھلىكلەرنى ئاشكارىلاش، ئۇنى توسۇش ھەمدە ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىشتا يەنە نۇرغۇنلىغان پىداكارلارنىڭ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشىمۇ يىللاردىن بۇيان ئالقىشلىنىپ كەلمەكتە.

باش شتابى ۋاشىنگتون شەھىرىگە جايلاشقان «دۇنيا دېموكراتىيە ھەرىكىتى» ئەنە شۇ خىلدىكى دېموكراتىيە ۋە ئۇنى كېڭەيتىش تىرىشچانلىقلىرىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىش مەقسىتىدە تەشكىللەنگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىرلەشمىسىدۇر. 1999-يىلى ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى بىلەن ھىندىستاندىكى ئىككى پۇقراۋىي تەشكىلات بىرلىكتە دۇنيا مىقياسىدىكى دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرى ۋە ئالىملارنى يېڭى دېھلى شەھىرىگە جەم قىلىپ، دېموكراتىيەنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلغاندا مەزكۇر تەشكىلات دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇلار ئىزچىل ئىككى يىلدا بىر قېتىم دۇنياۋى قۇرۇلتاي چاقىرىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 2021-يىللىق 10-قۇرۇلتاي تاجسىمان ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن توردا ئۆتكۈزۈلدى.

8-ئىيۇل كۈنى مەزكۇر يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى بولۇپ، بۇ كۈنى چاقىرىلغان يىغىننىڭ 4-باسقۇچى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدىغان «دېموكراتىيە جاسارىتىگە ئېھتىرام» مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى بولدى. يىغىنغا خارفورد فوندى قاتارلىق كۆپلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇلار دۇنيا مىقياسىدا دېموكراتىيەنىڭ كېڭىيىشى ئەمەلىيەتتە كىشىلەر ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاسانغا چۈشمەيۋاتقانلىقى، بۇ يولدا نۇرغۇنلىغان قەھرىمان شەخسلەرنىڭ ھەقىقەتنى سۆزلەش يولىدا كۆپلىگەن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەۋاتقانلىقى، كۆپلىگەن شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ دېموكراتىيە بوغۇلغان رېئاللىققا قارشى ئورنىدىن دەست تۇرۇش جەريانىدا ئۆز تىرىشچانلىقلىرىنى ئايىمىغانلىقى، شۇنىڭدەك بۇ خىل پىداكارلىقلارنىڭ بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقى ھەمدە تېگىشلىك نەتىجىلەرنى يارىتىدىغانلىقى ھەققىدە لېكسىيەلەر بولدى.

شۇ قاتاردا ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا قاتارلىق جايلاردا، جۈملىدىن مىسىر، ئىراق، سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆپلىگەن ئاخبارات خادىملىرىنىڭ دېموكراتىيە چۇقانلىرى ھەمدە ھۆرلۈك ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، بۇ كىشىلەرنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ بىردەك «دېموكراتىيەنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەمدە ھەقىقەتنى سۆزلەش بەدەلسىز بولمايدۇ» دېگەن ئاچچىق رېئاللىقنى قىزىل قان ئارقىلىق نامايان قىلىپ بەرگەنلىكى ئەسلەپ ئۆتۈلدى. .

ئەنە شۇلار بىلەن بىرلىكتە دېموكراتىيە ئۈچۈن سادا چىقىرىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇۋاتقان شەرق خەلقلىرى ھەققىدە سۆز بولغاندا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئانا گومېس خانىم ئۆزىنىڭ سوتسىيالىزم ۋە دىكتاتور ھاكىمىيەتلىرىنىڭ قاباھىتىنى بەكمۇ ياخشى چۈشىنىدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭ دېموكراتچىلىرىنىڭ تولىمۇ جاپالىق كۈرەش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا 2021-يىللىق «دېموكراتىيە جاسارىتىگە ئېھتىرام» مۇكاپاتىنىڭ دەل ئەنە شۇ سەۋەبلەردىن ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دېموكراتىيەنى بوغۇش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى بىرلىكتە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىشتەك روھىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى»، «ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى» ۋە «خوڭكوڭنى كۆزىتىش» تەشكىلاتلىرىغا ئورتاق تەقدىم قىلىنىشىغا يۈكسەك باھا بەردى. شۇنىڭدەك بۇ ھەقتىكى سۆزىدە «شەرقىي تۈركىستاندا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە بولۇپ كەلگەنىدى. ئەمدىلىكتە بىز بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ بولغانلىقىنى، تىبەتتىكى ئەھۋالنىڭ يامانلىشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنىڭ بولسا پۈتۈنلەي تۈگەشكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرىدىن جۇلىي مىلساپمۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى 2017-يىلى 4-دېكابىردا قۇرۇلغاندىن بۇيانقى پائالىيەتلەر ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنى ئاشكارىلاش ھەمدە بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا دۇنيا مىقياسىدا تېگىشلىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ياشلارنى بۇ مەسىلە ھەققىدە ئويلىنىش ھەمدە بۇ رېئاللىققا قارشى ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا يېتەكلەپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇ جەرياندا ئىزچىل تىبەت، خوڭكوڭ تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭدا ھەقىقەتەنمۇ كوللېكتىپنىڭ رولى ياخشى جارى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. .

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباسمۇ مۇكاپات تاپشۇرۇۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە بۇ مۇكاپاتنى دېموكراتىيەگە تەشنا بولۇۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋالىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپ ياشلار ۋە ئاياللارنى مەركەز قىلىپ پائالىيەت باشلىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك بۇ جەرياندا تىبەتلىكلەر، خوڭكوڭلۇقلار قاتارلىقلار بىلەنمۇ زىچ ھەمكارلاشقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بۇ سەپكە جەلپ قىلغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ «بىز تېخى ئەمدى ئىش باشلىدۇق. بىز قەتئىيلىك بىلەن ئالغا قاراپ سىلجىيمىز. ئىشىنىمىزكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بۇ سەپكە قوشۇلىدۇ ھەمدە ھەقىقەتمۇ نامايان بولىدۇ. بىز بۇ يولدىن ھەرگىزمۇ چېكىنمەيمىز» دېدى. .

شۇ قاتاردا بۇ قېتىمقى ئورتاق مۇكاپات ساھىبلىرى بولغان «ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن پېما دوما ۋە دورجى تسېتېن، خوڭكوڭ دېموكراتچى ياشلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن جوۋ سيۇ قاتارلىقلارمۇ ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئورتاق ھالدا خىتاي دىكتاتورا ھاكىمىيىتىنىڭ ھۇجۇم ئوبيېكتى بولۇپ قالغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن بۇ ئورتاق دۈشمەنگە قارشى داۋاملىق ھالدا بىرلىكتە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. .

يىغىندىن كېيىن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى روشەن ئابباس ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ قېتىمقى مۇكاپاتنىڭ ئەڭ مۇھىمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇم زىندانلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

روشەن ئابباسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنداق بىر مۇكاپاتنىڭ قولغا كېلىشى بۇ جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن. ئەكسىچە بۇ يولدا ماڭىدىغان يول تېخى ئۇزۇن ئىكەن. .

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئەنە شۇ تەرىقىدە بارغانسېرى كۆپلىگەن ساھەلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەھەتتە بىر قىسىم ئىجابىي نەتىجىلەرمۇ قولغا كەلمەكتىكەن.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خىتايغا قارىتا يەنە بىر جازا تەدبىرى

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن خىتايغا قارىتا يەنە بىر جازا تەدبىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىرغا قەدەر رەسمىي رەۋىشتە چەكلىيەلمەيۋاتقان خىتاينىڭ ئېلېكتىرلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە كۈنتاختىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى ئۇزۇندىن بۇيان ئوتتۇرىغا

بۇ پېتېر ماگيارنىڭ خىتايغا قارىتا تۇنجى زەربىسى ھېسابلىنامدۇ؟

بۇ پېتېر ماگيارنىڭ خىتايغا قارىتا تۇنجى زەربىسى ھېسابلىنامدۇ؟ ئەينى يىللىرىدىكى ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى ۋىكتور ئورباننىڭ ھەم خىتاينىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان، ھەم رۇسىيەگە چوقۇنغان, ھەم ئامېرىكىغا بېقىنغان، ئەمما ياۋروپا

رۇشەن خانىم : خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى دۇنياۋىي تەھدىتكە ئايلاندى

رۇشەن خانىم <Fox News>دا: خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى دۇنياۋىي تەھدىتكە ئايلاندى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ 8-ئىيۇل <<Fox News>>دا ئېلان قىلغان «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېڭى چىقارغان مىللەتلەر

چېكىنىش يولى يوق ئارال دۆلىتىنىڭ، دۇنيانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان مەركىزىگە ئايلىنىپ قېلىش ئىھتىمالى بار

چېكىنىش يولى يوق ئارال دۆلىتىنىڭ، دۇنيانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان مەركىزىگە ئايلىنىپ قېلىش ئىھتىمالى بار «ئارقا ئىشىك»تىن كىرىش ۋە «تېخنىكا ئوغۇرلاش» بىلەن سەلبىي ئوبراز ياراتقان قىزىل خىتاي ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ

كالىفورنىيەدىكى ئۇچۇر-ئالاقە شىركىتى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى

كالىفورنىيەدىكى IT شىركىتى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى مەركىزى كالىفورنىيەدە بولغان «Digitalsystem Technology» ناملىق ئۇچۇر-ئالاقە شىركىتى خىتاي تېلېگراف شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىدار بولغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى خىتاي پۇخرالىرىغا تەۋە بولغانلىقى

خىتاي 138 دۆلەتتە 900 قېتىم بىخەتەرلىك تەلىم-تەربىيەسى ئېلىپ بارغان

خىتاي 138 دۆلەتتە 900 قېتىم بىخەتەرلىك تەلىم-تەربىيەسى ئېلىپ بارغان ئۆز دۆلىتىنىڭ خەۋىپسىزلىكىنى نازارەت قىلىش، تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى 2000-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە 138 دۆلەتتە

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺱ ﻣﺎﺟﺮﺍ

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺱ ﻣﺎﺟﺮﺍ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ Temu, Shein, AliExpress ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺋﻪﺯﺍ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﻟﺘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 16 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺩﺍﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ. ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ 2025-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ