ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى كىرودىيە ۋە چېخىيەدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئىككىيلەن كىرودىيەنىڭ پايتەختى زاگرېپ شەھىرى بىلەن چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگا شەھىرىدە بىر قاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان.

2-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە كىرودىيەنىڭ پايتەختى زاگرېپ شەھىرىدە ئارقا-ئارقىدىن پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسى ۋە ئالغان تەدبىرلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «3-فېۋرال كۈنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىن كىرودىيەنىڭ پايتەختى زاگرېب شەھىرىگە كەلدۇق. كېلىپلا زاگرېب شەھىرىدىكى ‹كىشىلىك ھوقۇق ئۆيى›دە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا قاتناشتۇق. بۇ يىغىنغا زاگرېب شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئاقىللار مەركەزلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تاشقى سىياسەت مۇنبىرىنىڭ ئەزالىرى ئىشتىراك قىلدى».

روشەن ئابباس خانىم 2 سائەت داۋاملاشقان يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنىڭ تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «كىرودىيە باشتا سابىق يۈگۈسلاۋىيە يىمىرىلىپ مۇستەقىل بولغان بالقان دۆلەتلىرىدە خەلقنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ مەلۇماتى يوق ئىكەن. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى ئاڭلاتقان ۋاقتىمىزدا بەك تەسىرلىنىپ كەتتى. چۈنكى بۇ رايوندىمۇ يېقىنقى يىللاردا مىللەتلەر ئارىسىدا زور ئۇرۇشلار بولغانىكەن. كىرودىيە بىلەن سېربىيە ئوتتۇرىسىدىكى جەڭدە ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەن ناھايىتى كۆپ كىشى بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە 1992-يىلىدا بوسنىيەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولغانىكەن. شۇڭا بىزنىڭ دېگەنلىرىمىزدىن بەكلا تەسىرلەندى».

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى كىرودىيەدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە پائالىيەت بولۇپ باقمىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان يىغىندا بۇندىن كېيىن كىرودىيە ۋە قوشنا دۆلەتلەردە نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى كىرودىيەدە ئېلىپ بارغان ئۈچ كۈنلۈك زىيارەت جەريانىدا كۆپ ساندا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

روشەن ئابباس ۋە ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئىككىيلەن چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگا شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان. ئۇلارنى چېخىيە پارلامېنتىدىكى بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، بۇندىن كېيىن چېخىيەدە ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

روشەن ئابباس خانىم تۈركىيەدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن 31-يانۋار كۈنى گوللاندىيەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا ئۇيغۇرلار توغرىلىق مەخسۇس ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان. بۇ ئۇچرىشىشقا گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىدىن رۇبىن برېكېلماس، ئاگنېس مۇلدېر قاتارلىق كىشىلەرمۇ قاتناشقانىدى. ئۇلار مەزكۇر ئۇچرىشىشقا قاتناشقان پارلامېنت ئەزالىرىدىن گوللاندىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى گوللاندىيەدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 1-فېۋرال كۈنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ئاخبارات كۇلۇبىدا ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق فوندى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ھەدەم نەدە؟» ھۆججەتلىك فىلىمىنىڭ قۇيۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان ۋە د ئۇ ق رەھبەرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەنىدى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

دېموكراتىك كۆرەشنىڭ سەرخىللىرى بىلەن نيۇ-يوركتا

دېموكراتىك كۆرەشنىڭ سەرخىللىرى بىلەن نيۇ-يوركتا خەلقارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى رىشات ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباسلار 17-ئاپرىل نيۇ-يوركتا قىسقىچە RDI

مالايسىيا ھۆكۈمىتى بېيجىڭغا باش ئەگدى، ئامېرىكالىق ئۇيغۇر ئالىمىنى تۇتقۇن قىلدى ۋە قوغلاپ چىقاردى

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئاخباراتى . مالايسىيا ھۆكۈمىتى بېيجىڭغا باش ئەگدى، ئامېرىكالىق ئۇيغۇر ئالىمىنى تۇتقۇن قىلدى ۋە قوغلاپ چىقاردى . ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ 2026-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامېرىكالىق

يالې ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارىلاش

يالې ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارىلاش ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم بۈگۈن Connecticut شىتاتىنىڭ New Haven شەھرىدىكى يالې ئۇنىۋېرسىتېتى (Yale University) دا «خىتاينىڭ تېخنىلوگىيەلىك

دۇنياۋىي ياش رەھبەر ئارفىيا ئېرىگە مۇبارەك بولسۇن

دۇنياۋىي ياش رەھبەر ئارفىيا ئېرىگە مۇبارەك بولسۇن! ئارفىيا ئېرىنىڭ «داۋۇس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى» تەرىپىدىن «دۇنياۋىي ياش رەھبەر» بولۇپ تاللانغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز. ئارفىيا ئېرىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، ياش دۇنيا رەھبەرلىرى

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻓﻮﻧﺪﻯ (FDD) ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ 19 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﯘﻗﺮﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﺳﯩﺮ

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس مالايسىيادا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە قوغلاپ چىقىرىلغان

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس مالايسىيادا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە قوغلاپ چىقىرىلغان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ يولدىشى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن مالايسىيادا تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر مەزىلگىن كېيىن

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاقسارايدا

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاقسارايدا خەلقارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتۇر رىشات ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى رۇشەن ئابباسلار 15-ئاپرىل كۈنى ئاقسارايدا ھۆكۈمەت

ئەرگە بىر نۆۋەت، يەرگە بىر نۆۋەتمۇ؟

«ئەرگە بىر نۆۋەت، يەرگە بىر نۆۋەت»مۇ؟ ئەنگىلىيەلىكلەرنى «خىتاينىڭ ئالدىدا كۈچۈكلىنىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى» دېگەن گەپنىڭ گۇمانلىنىدىغان يېرى قالماپتۇ. يالغۇز گېئوسىياسەتتىلا ئەمەس، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلار ۋە ئادەتتىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ ئەنگىلىيەلىكلەر