ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى كۈچلۈك بىر زەربە ياراتتى
نيۇ-يورك ۋاقتى (The New York Times)نىڭ 23-ئاپرىلدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ داڭلىق شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان «Pop Mart»نىڭ دۇنيا مىقياسىدا زور بازار تاپقان «Labubu» ناملىق ۋىرۇسلۇق قورچاقلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولغان «شىنجاڭ پاختىسى» بايقالغان.
بۇ ساھەدىكى تەكشۈرۈش ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆتكەن يىلى باشلانغان بولۇپ، نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى مەزكۇر خەۋىرىدە رۇشەن خانىم ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئوينىغان رولى ھەققىدىمۇ توختالغان ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر ئىنسانىي پاجىئەلەر توغرىسىدا مەلۇماتلار بەرگەن.
ئامېرىكادىكى بىرقىسىم پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ بۇ شىركىتىنى قارا تىزىملىككە ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىشماقتا. خىتاينىڭ بۇ داڭلىق شىركىتىنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە كۆرىمىز. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بۇ نەتىجىسىنى ھەقىقەتەنمۇ تۆۋەن باھالاشقا بولمايدۇ.
خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
https://campaignforuyghurs.org/campaign-for-uyghurs-exposes-labubus-link-to-uyghur-forced-labor/?fbclid=IwY2xjawRYOMBleHRuA2FlbQIxMABicmlkETFVd3VSeXlvRXV3TU9WZXNyc3J0YwZhcHBfaWQQMjIyMDM5MTc4ODIwMDg5MgABHg39BK0ezxGFrCDpi9tXR15f5AhCz6fu1PrZ0J9QcaROYzWi_qrIqJuD8mxT_aem_OeEe6YNdOZonKVLv-wzDUQ
https://www.nytimes.com/2026/04/23/business/labubu-cotton-banned-forced-labor-law-xinjiang-china.html?fbclid=IwY2xjawRYONVleHRuA2FlbQIxMABicmlkETFVd3VSeXlvRXV3TU9WZXNyc3J0YwZhcHBfaWQQMjIyMDM5MTc4ODIwMDg5MgABHoYTzRo9TkzZDuy8G0Kkt0Ofd1HyAhNTVyUI8ocMsY7MMDzam49WEs5ypyG-_aem_c85TzwiheLwRYaxJwkEHxQ