«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئىستانبۇلدا ئاخىرلاشتى

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى 1-ئاينىڭ 29-30-كۈنلىرى ئىستانبۇل كروۋنە پلازا مېھمانخانىسىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزدى. كۇرستا تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە، مارمارا، ھاجى بېكتاشۋېلى، ئىستانبۇل يىلدىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان پروفېسسورلار «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى»، «ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرى»، «ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تارىخى»، «ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر دەۋاسى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى»، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇيغۇر سەنئىتى ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇش»، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرى» «خىتاينىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى بۇرمىلاش سىياسىتى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ۋە «مېدىيا ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» دېگەندەك تېمىلاردا دوكلات بەرگەندىن كېيىن، كۇرسقا ئىشتىراك قىلغان 40 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى بىلەن مەزكۇر تېمىلار توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. ھەر بىر دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا ئۈچ ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىش جەريانىدىكى تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

كۇرسنىڭ ئاخىرىدا يىغىن توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ۋە كۇرسقا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن كېلىپ ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

روشەن ئابباس خانىم ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن كۇرسنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزدۇق. كۇرسىمىز بۇرۇنقىدىكىلەرگە ئوخشاشلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى دەپ قارايمەن. كۇرس جەريانىدا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياش ئاكتىپلار بىلەن سۆزلەشتىم. ئۇلار بىلەن ئۇيغۇر دەۋاسىنى تۈركىيەدىكى ئەمەلىي ئەھۋالنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ قانداق ئوتتۇرىغا قويۇش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. شۇنداقلا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارادىكى بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلىرى، ۋە بۇنىڭ تەسىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردىم. مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر پائالىيەت بولدى».

روشەن ئابباس خانىم كۇرسنى خۇلاسىلەپ، بۇ قېتىمقى كۇرسنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ قاتناشقان ياشلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، پەقەت ئىستانبۇلدىنلا ئەمەس تۈركىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىدىن كېلىپ كۇرسقا قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىم كۇرس جەريانىدا ئۇيغۇر دەۋاسىنى قىلىشنىڭ ئۇسسۇلىنى، شۇنداقلا كۆپ يېڭى مەلۇماتلارنى ئۆگەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

كۇرسقا قاتناشقان بۇرسا ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر كەسپى ئوقۇغۇچىسى ئابدۇمېجىت ئابلىز بۇ خىل كۇرسلارنىڭ ئۇيغۇر ياشلارنى دەۋاغا يېتەكلەپ كىرىش ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۇرسقا قاتناشقان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى رەھىمە تۇرسۇن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مايىدە ئابدۇخەمىت، تومارىس مۇھەممەت، كانادادىن كېلىپ قاتناشقان مەھلىيە چېتىنقايا قاتارلىقلار كۇرس ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، كۇرسنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دەۋاسى ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلارنى ئىگىلىگەنلىكلىرىنى، بۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن يول كۆرسەتكۈچىلىك رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى بايان قىلىشتى.

ئىستانبۇلدىن كۇرسقا قاتناشقان «يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم سىدىق بۇ خىل كۇرسلارنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى دەۋاغا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى زور پايدىسى بولىدىغانلىقىنى، كۆپلەپ ئېچىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم بىلەن يولدىشى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندىنى ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە يېڭى تەيىن قىلغان باش ئەلچىسى جەف فىلايك بىلەن ئايىلى شەرىل فىلايك خانىم قوبۇل قىلغان.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى بۇ كۇرسنىڭ 1-نۆۋەتلىكىنى 2021-يىلى 6-ئايدا تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر كۇرسقا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان 50 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قاتناشقانىدى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

بۇندىن 60 يىل ئىلگىرىكى قىرغىنچىلىقتىن ياشلارنىڭ بەلكىم خەۋىرى يوق

بۇندىن 60 يىل ئىلگىرىكى قىرغىنچىلىقتىن ياشلارنىڭ بەلكىم خەۋىرى يوق ماۋ زېدوڭ 1949-يىلى خىتايدا ھاكىمىيەت بېرىشىغا چىقىپ ئۆزىنى ئىلاھلاشتۇرۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، 1966-يىلى 5-ئايدا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەيدىغان بىر ھەرىكەتنى

مىليونلىغان ئىنساننى ئالدىغان بىر يالغان

مىليونلىغان ئىنساننى ئالدىغان بىر يالغان ئامېرىكا پرىزدېنتى ترامپ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بېيجىڭدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، خىتاي تەرەپتىن ھەدىيە قىلىنغان سوۋغاتلارنى، بىر قېتىملىق ئىشلىتىلىدىغان يانفونلارنى ۋە باشقا بويۇملارنى ئايرۇدۇرۇمدىكى ئەخلەت

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتى يىغىنىدا

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتى يىغىنىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، RFA ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇدىرى ئالىم سېيىتوف، خەلقارا

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ «ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ»ﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ «ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ»ﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ «ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ، ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ، NED ﻧﯩﯔ ﮪﻪﻱﺋﻪﺕ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ «تې ھىل» ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﻯ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ «The Hill» ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ، ﺗﺮﺍﻣﭗ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ «The Hill» ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: «ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسى خىتايغا قارشى ئورتاق ئىككى قارار ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسى خىتايغا قارشى ئورتاق ئىككى قارار ماقۇللىدى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەربابلىرىدىن Dick Durbin ۋە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى سودا،

ترامپنىڭ بېيجىڭ زىيارىتىدىن ئىلگىرى

ترامپنىڭ بېيجىڭ زىيارىتىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ئامېرىكا پرىزدېنتى ترامپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى 11-ماي Lafayette مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، ترامپتىن ھەدىسى

خىتاينىڭ دىنغا قارشى ئۇرۇشى

خىتاينىڭ دىنغا قارشى ئۇرۇشى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشان ئابباس ۋە يۇقىرى دەرەجىلىك سىياسەت ئىشلىرى مۇدىرى Franz Matzner، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس قاتارلىقلارلار، Xudson inistituti