«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» «ئانىلار بايرىمى» دا خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرىدى

ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» «ئانىلار بايرىمى» كۈنى ئېلان قىلغان تەبرىكنامىسىدە پۈتۈن دۇنيا «ئانىلار بايرىمى» نى قۇتلاۋاتقان پەيتلەردە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر بايرامنى تەبرىكلەشتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرىدى.

ئۇلار باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق تېخىمۇ روشەنلەشتى. نۇرغۇنلىرىمىز ھاياتىمىزدىكى ئېسىل ئانىلىرىمىزنى ئەركىن ھالدا قۇتلۇقلاۋاتقان پەيتلەردە، يەنە نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ ئۆز ئانىلىرى بىلەن بولغان رىشتىسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئايرىۋېتىش تاكتىكىسىدا زەرداب چەكمەكتە.»

باياناتتا نەقىل قىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خادىمى ئەقىدە پولات 2017-يىلى دېكابىردىن بۇيان تۇتۇپ كېتىلگەن ئانىسى، ئۇيغۇر ئالىم راھىلە داۋۇت ھەققىدە توختالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۆتكەن ئۈچ يېرىم يىلدىن بۇيان، مەن ئانامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايلا قالماي، ھەتتا ئۇنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەلمىدىم.»

» ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى روشەن ئابباس مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تېنى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ جەڭ مەيدانى بولىۋاتىدۇ، ئۇلار مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە ھۆكۈمەت قوللىغان كەڭ كۆلەملىك باسقۇنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جىنايىتىگە قارشى تۇرۇش ھازىر دۇنيانىڭ ۋىجدانى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ سىناق. خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەت پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى ۋە بۇ دەھشەتلەرنى توختىتىشى كېرەك.»

كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ 1. 8 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا بەند قىلغانلىقى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاياللارنىڭمۇ بارلىقى، يەنە 500 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى يېتىمخانىلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان يۇرتىدا قالغان ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈۋېتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

دېموكراتىك كۆرەشنىڭ سەرخىللىرى بىلەن نيۇ-يوركتا

دېموكراتىك كۆرەشنىڭ سەرخىللىرى بىلەن نيۇ-يوركتا خەلقارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى رىشات ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباسلار 17-ئاپرىل نيۇ-يوركتا قىسقىچە RDI

مالايسىيا ھۆكۈمىتى بېيجىڭغا باش ئەگدى، ئامېرىكالىق ئۇيغۇر ئالىمىنى تۇتقۇن قىلدى ۋە قوغلاپ چىقاردى

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئاخباراتى . مالايسىيا ھۆكۈمىتى بېيجىڭغا باش ئەگدى، ئامېرىكالىق ئۇيغۇر ئالىمىنى تۇتقۇن قىلدى ۋە قوغلاپ چىقاردى . ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ 2026-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامېرىكالىق

يالې ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارىلاش

يالې ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارىلاش ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم بۈگۈن Connecticut شىتاتىنىڭ New Haven شەھرىدىكى يالې ئۇنىۋېرسىتېتى (Yale University) دا «خىتاينىڭ تېخنىلوگىيەلىك

دۇنياۋىي ياش رەھبەر ئارفىيا ئېرىگە مۇبارەك بولسۇن

دۇنياۋىي ياش رەھبەر ئارفىيا ئېرىگە مۇبارەك بولسۇن! ئارفىيا ئېرىنىڭ «داۋۇس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى» تەرىپىدىن «دۇنياۋىي ياش رەھبەر» بولۇپ تاللانغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز. ئارفىيا ئېرىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، ياش دۇنيا رەھبەرلىرى

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻓﻮﻧﺪﻯ (FDD) ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ 19 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﯘﻗﺮﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﺳﯩﺮ

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس مالايسىيادا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە قوغلاپ چىقىرىلغان

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس مالايسىيادا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە قوغلاپ چىقىرىلغان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ يولدىشى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن مالايسىيادا تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر مەزىلگىن كېيىن

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاقسارايدا

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاقسارايدا خەلقارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتۇر رىشات ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى رۇشەن ئابباسلار 15-ئاپرىل كۈنى ئاقسارايدا ھۆكۈمەت

ئەرگە بىر نۆۋەت، يەرگە بىر نۆۋەتمۇ؟

«ئەرگە بىر نۆۋەت، يەرگە بىر نۆۋەت»مۇ؟ ئەنگىلىيەلىكلەرنى «خىتاينىڭ ئالدىدا كۈچۈكلىنىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى» دېگەن گەپنىڭ گۇمانلىنىدىغان يېرى قالماپتۇ. يالغۇز گېئوسىياسەتتىلا ئەمەس، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلار ۋە ئادەتتىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ ئەنگىلىيەلىكلەر