«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرى زور تەسىر قوزغىماقتا

گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى» غا قاتناشقانلار. 2021-يىلى ئۆكتەبىر.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى ئىككى ھەپتىگە سوزۇلغان پائالىيەتلىرى كۆپ خىل مەزمۇنلاردىن تەركىپ تاپتى.

مەركىزى ۋاشىنگتوندا بولغان «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى ئىككى ھەپتىگە سوزۇلغان پائالىيىتى 14-سېنتەبىر گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىن باشلانغان ئىدى. بىز تەشكىلات رەئىسى روشەن ئابباس خانىمنى بىۋاستە زىيارەت قىلىش ھەم ئۇنىڭ ئۇيۇشتۇرغان يىغىنلىرىغا قاتنىشىش ئارقىلىق بۇ پائالىيەتلەرنىڭ 3 ئاساسىي مەزمۇن دائىرىسىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىدىن ۋاقىپ بولدۇق. بۇنىڭ بىرى، ئامېرىكانىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئەلچىلىرى ۋە كونسۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش. ئىككىنچىسى، «ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلەش. ئۈچىنچىسى، «ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى» ئۆتكۈزۈش.

ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى ئۆكتەبىر، گېرمانىيە.

«ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى» 15-16-ئۆكتەبىر كۈنلىرى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلدى. كۇرسقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى كېلىپ قاتناشقان بولۇپ، ئامېرىكادىكى بەزى مەشھۇر سىياسىي شەخسلەر تور ئارقىلىق دەرس سۆزلىدى. «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، كۇرسنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر ياشلىرىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ئەڭ تەسىرلىك بىر بۆلۈمى-باش پىرسۇناژ روشەن ئابباسنىڭ «ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، غەرب كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىر زۇلۇملارغا تارتىشىدىن ئىبارەت بولدى. بۇ مۇراسىم 14-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكانىڭ بېرلىندىكى ئەلچىخانىسىدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. بۈگۈن 21-ئۆكتەبىر ئامېرىكانىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ميۇنخېندىكى «ئامېرىكا سارىيى» دا ئۆتكۈزۈلدى. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يەنە گېرمانىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرى ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

«ھەدەم نەدە؟» ناملىق فىلىمنىڭ كىشىلەرگە كۈچلۈك تەسىر قىلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ فىلىمدا قانداق مەزمۇنلار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن؟

مەزكۇر فىلىمدا رول ئالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى، مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ، بۇ فىلىمنىڭ مۇتەخەسسىسلەر، لاگېر شاھىدلىرى، مۇخبىرلار، تەتقىقاتچىلار ۋە دەۋاگەرلەرنىڭ بايانلىرى ھەمدە پاكىتلىق كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىنىڭ ھەممە ساھەسىنى يورۇتۇپ بەرگەن ئۇنىۋېرسال بىر فىلىم بولغانلىقىنى، فىلىمدا مەۋجۇت پاجىئەلەر ئېنىق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن كىشىلەرگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەركىبى قىسمى ئامېرىكانىڭ ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئەلچىلىرى ۋە دېپلوماتلىرىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئائىت ئەڭ يېڭى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەش، كېلىچەكتە ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىش بولدى. «ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم 14-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكانىڭ بېرلىندىكى ئەلچىخانىسىدا تۇنجى قېتىم قويۇلغاندا، ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى ۋاقىتلىق باش ئەلچىسى كلارك پىرس نۇتۇق سۆزلەپ، فىلىمغا يۇقىرى باھا بەرگەن ۋە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ بۇ پائالىيىتىنى قوللايدىغانلىقىنى 100 گە يېقىن دېپلوماتلار ئالدىدا ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۈگۈن ئۇلار ئامېرىكانىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلخانا خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭمۇ قىزغىن ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈردى.

19-ئۆكتەبىر كۈنى پىشقەدەم ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى كىسەل بولۇشىغا قارىماي گېرمانىيەنىڭ ۋۈرسبۇرگ شەھىرىدىن ئالايىتەن ميۇنخېن شەھرىگە يېتىپ كېلىپ، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىمنىڭ ۋەتەن-مىللەت يولىدا كۆرسىتىۋاتقان پىداكارلىقلىرىغا ئاپىرىن ئېيتتى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

بۇندىن 60 يىل ئىلگىرىكى قىرغىنچىلىقتىن ياشلارنىڭ بەلكىم خەۋىرى يوق

بۇندىن 60 يىل ئىلگىرىكى قىرغىنچىلىقتىن ياشلارنىڭ بەلكىم خەۋىرى يوق ماۋ زېدوڭ 1949-يىلى خىتايدا ھاكىمىيەت بېرىشىغا چىقىپ ئۆزىنى ئىلاھلاشتۇرۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، 1966-يىلى 5-ئايدا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەيدىغان بىر ھەرىكەتنى

مىليونلىغان ئىنساننى ئالدىغان بىر يالغان

مىليونلىغان ئىنساننى ئالدىغان بىر يالغان ئامېرىكا پرىزدېنتى ترامپ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بېيجىڭدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، خىتاي تەرەپتىن ھەدىيە قىلىنغان سوۋغاتلارنى، بىر قېتىملىق ئىشلىتىلىدىغان يانفونلارنى ۋە باشقا بويۇملارنى ئايرۇدۇرۇمدىكى ئەخلەت

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتى يىغىنىدا

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتى يىغىنىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، RFA ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇدىرى ئالىم سېيىتوف، خەلقارا

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ «ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ»ﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ «ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ»ﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ «ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ، ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ، NED ﻧﯩﯔ ﮪﻪﻱﺋﻪﺕ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ «تې ھىل» ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﻯ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ «The Hill» ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ، ﺗﺮﺍﻣﭗ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ «The Hill» ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: «ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسى خىتايغا قارشى ئورتاق ئىككى قارار ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسى خىتايغا قارشى ئورتاق ئىككى قارار ماقۇللىدى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەربابلىرىدىن Dick Durbin ۋە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى سودا،

ترامپنىڭ بېيجىڭ زىيارىتىدىن ئىلگىرى

ترامپنىڭ بېيجىڭ زىيارىتىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ئامېرىكا پرىزدېنتى ترامپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى 11-ماي Lafayette مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، ترامپتىن ھەدىسى

خىتاينىڭ دىنغا قارشى ئۇرۇشى

خىتاينىڭ دىنغا قارشى ئۇرۇشى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشان ئابباس ۋە يۇقىرى دەرەجىلىك سىياسەت ئىشلىرى مۇدىرى Franz Matzner، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس قاتارلىقلارلار، Xudson inistituti