ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتى گوللاندىيە ۋە بېلگىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىلىق بىر قاتار پائالىيەتلەردە بولدى

31-يانۋار ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئىككەيلەن گوللاندىيەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا ئۇيغۇرلار توغرىلىق مەخسۇس كۆرۈشۈشتە بولغان. بۇ كۆرۈشۈشكە گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىدىن رۇبىن برېكېلماس (Brekelmas Ruben)، ئاگنېس مۇلدېر (Agnes Mulder) قاتارلىق كىشىلەرمۇ قاتاشقان.

ئۇلار مەزكۇر سۆھبەتكە قاتناشقان پارلامېنت ئەزالىرىدىن گوللاندىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار يەنە گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەت پىلانلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى گوللاندىيەدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 1-فېۋرال كۈنى بېلگىيەگە يېتىپ بارغان. ئۇلار بېريۇسسېل ئاخبارات كۇلۇبىدا ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق فوندى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ھەدەم نەدە؟» ھۆججەتلىك فىلىمىنىڭ قۇيۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق فوندى ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيىتىنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇپ كېلىۋاتقان بىر تەشكىلاتتۇر. بۇ قېتىم يەنە ئۇلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئامېرىكانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا «ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئوڭۇشلۇق ھالدا قۇيۇلغان.

فىلىم قۇيۇلغاندىن كېيىن ھەرقايسى تاراتقۇلار ۋە ئاخبارات قاناللىرىنىڭ مۇخبىرلىرى فىلىم ھەققىدە سوئاللار سورىغان.

مەزكۇر ئاخبارات يىغىنىغا بېلگىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ساموئىل گوگولاتى ئەپەندى، بېلگىيەدىكى بىر قانچە سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئەزالىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى، شۇنداقلا لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق خانىم قاتارلىقلار قاتناشقان. پائالىيەت 2 سائەت داۋاملاشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار توغرىلىق گۇۋاھلىق بېرىش، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى سۆھبەت-مۇنازىرىلەر ناھايىتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلغان.

رادىيويىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم، ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىم گوللاندىيە ۋە بېلگىيە ئىككى دۆلەتتىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بېلگىيە پايتەختى بېريۇسسېلدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتنىڭ جەريانى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

يېڭى يىلدا «موللاق ئاتقان» خىتاي ئارمىيە سېپىدىكى يەنە ئىككى ئەمەلدار

يېڭى يىلدا «موللاق ئاتقان» خىتاي ئارمىيە سېپىدىكى يەنە ئىككى ئەمەلدار ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 24-يانۋاردىكى خىتاي دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى باياناتىدىن نەقىل ئالغان خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرىلىشىچە، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ شى جىنپىڭدىن كېيىنكى

خىتاي ب د ت مۇتىخەسسىسلىرىنىڭ «چىدىغۇسىز تۆھمەت»لىرىدىن ئازاپلانغان

خىتاي ب د ت مۇتىخەسسىسلىرىنىڭ «چىدىغۇسىز تۆھمەت»لىرىدىن ئازاپلانغان فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايانلىرىدا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توغرىسىدا ئەندىشىلىرىنى ئىپادە قىلغان 9 نەپەر ب د ت مۇتىخەسسىسلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرىغا خىتاينىڭ چىدىيالماي

رۇشەن خانىم خىتاينىڭ دىنغا قارشى ئۇرۇشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى

رۇشەن خانىم خىتاينىڭ دىنغا قارشى ئۇرۇشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى يانۋارنىڭ 22-كۈنى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئەركىنلىك ۋە ئىتتىپاقلىق: مەنىۋىي دېپلوماتلارنىڭ يۈكسېلىشى» ناملىق

مەرز دۇنيانىڭ چوڭ دۆلەتلەر ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى

مەرز دۇنيانىڭ چوڭ دۆلەتلەر ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى داۋوستا چاقىرىلغان «دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنىدا سۆز قىلغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى مەرز، دۇنيانىڭ 80 يىلدىن بۇيانقى تەرتىپلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن بىشارەتلەر بېرىپ

خىتاينىڭ «ئامېرىكا زومىگەرلىكى» ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ «گۈزەل ھاياتى» تەشۋىقاتى

خىتاينىڭ «ئامېرىكا زومىگەرلىكى» ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ «گۈزەل ھاياتى» تەشۋىقاتى خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ»دىكى تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى ئامېرىكىدا نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى «گۈزەل ھايات»، «يۈكسەك تەرەققىيات»نى سېلىشتۇرۇپ بايان قىلىپ،

رۇشەن خانىم كانادا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن

رۇشەن خانىم كانادا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ۋۋاشىنگتوندا كانادا پارلامېنتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن سۆھبەتتە بولدى ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

تىزپۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزلدى

«تىزپۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى»نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزلدى يانۋارنىڭ 20-كۈنى گېئورگېتوۋن بارنېس & نوبلې (Georgetown Barnes & Noble) كىتابخانىسىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ «تىزپۈكمەس

غەربىي ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ خىتاي ئەلچىخانىسى — ئەنگىلىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى»نىڭ ئاچقۇچى

غەربىي ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ خىتاي ئەلچىخانىسى — ئەنگىلىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى»نىڭ ئاچقۇچى رويتېرىسنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيە باش منىستىرى رودنەي ستارمەر (Rodney Starmer) ) خىتاينىڭ لوندۇندا قۇرماقچى بولغان غەربىي