ئۇيغۇر رەھبەرلەر كارل گېرشماننىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن تون كىيدۇردى

ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ سابىق رەئىسى كارل گېرشمان(Carl Gershman) ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن تون كىيدۈردى. 2021-يىلى 30-نويابىر، ۋاشىنگتون.

30-نويابىر كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى قوللاپ كەلگەن ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ سابىق رەئىسى كارل گېرشمان ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەتتە كارل گېرشمان ئەپەندىنىڭ قىلغان خىزمەتلىرىگە ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بېرىلدى.

كارل گېرشمان ئەپەندى 1984-يىلى ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇ يېقىندا پېنسىيەگە چىققۇچە بولغان پۈتكۈل خىزمەت ھاياتىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئىشلىرىغا بېغىشلىغان. كارل گېرشمان ئەپەندى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشى، سىستېمىلىشىشىدىمۇ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. ئۇ ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىغا تۇنجى بولۇپ مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كۈچلىنىپ خەلقئارا مۇنبەرلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنى چۆچۈتكىدەك ھالەتتە باش كۆتۈرۈشىگە ئاساس ياراتقان.

پائالىيەتتە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ ھازىرقى رەئىسى دەيمىن ۋىلسون، مۇئاۋىن رەئىسى باربارا خېيگ، ئامېرىكانىڭ ئاياللار ھوقۇقى مەسىلىلىرى بويىچە ب د ت دا تۇرۇشلۇق سابىق ئەلچىسى كەللىي كۇررىي خانىم، كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى جەمئىيىتى باشلىقى ئاندرۇ بىرمبېرگ، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى نۇرىي تۈركەل، تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى ئۆركەش دۆلەت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىقى ئۆمەر قانات، ئۇيغۇر ھەرىكىتى باشلىقى روشەن ئابباس قاتارلىقلار سۆز قىلدى ۋە ئۇنىڭ خىزمىتىگە يۇقىرى باھا بەردى شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.

كارل گېرشمان ئەپەندىنىڭ شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە يەنە ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن تونۇشلۇق بولغان ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غەنى خانىممۇ قەدەم تەشرىپ قىلدى.

پائالىيەتتە كارل گېرشمان ئەپەندىگە تون كىيدۈرۈلۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىننەتدارلىقى يەتكۈزۈلدى. كارل گېرشمان ئەپەندىمۇ مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەپ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ھەقلىق بىر دەۋا ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈن ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئۇيغۇر دەۋاسىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلىق قىلغان دەپ ئەيىبلىگەن بىر ئۇيغۇرنى تۇتۇپ جىددىي تەكشۈرمەكتە

RFA ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ: 2025.04.10 شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلىق قىلغان دېگەن ئەيىب بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان بىر ئۇيغۇرنىڭ خەۋىرى چارشەنبە كۈنى تارقالغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قاتتىق ھەيران قالدى ۋە بۇ

«ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﻰ» ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﻰ ﺗﺎﺷﻘﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ

«ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﻰ» ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﻰ ﺗﺎﺷﻘﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى چارشەنبە كۈنى «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى» دەپ

ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﺳﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺰ؟

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 80 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯦﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻣﺒﻪﺭﺩﻯ ﮪﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﮪﯩﺮﻟﯩﻨﯩﯔ: مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مىللىي ئارمىيە مۇقەددەس، مۇنبەت ۋە گۈزەل ئىلى تەۋەسىدىكى

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﯩﺪﺍﺧﻮﺩﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﭙﺎ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﺪﺍ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﯩﺪﺍﺧﻮﺩﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﭙﺎ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ ﺋﺎﭘﺮﯨﻞ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﯩﺪﺍﺧﻮﺩﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﭙﺎ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ﭼﯩﺮﻛﺎﯞﯨﺪﺍ «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯧﻤﯩﺪﺍ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﻯ.

ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺋﻮﭖ ﭘﻮﻻﺕ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ

ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺋﻮﭖ ﭘﻮﻻﺕ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﺋﻮﭖ ﭘﻮﻻﺕ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﯩﻲ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺑﻪﺯﻯ ﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻤﺎ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ مۇھىم ئەزاسى گۈلشەن ئابباسنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ مۇھىم ئەزاسى گۈلشەن ئابباسنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى رەئىسى جون مۇلېنار ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى 20 يىللىق

دىن ۋە ئىتىقاد ئەركىنلىكىگە يىتەكچىلىك قىلغۇچى ئاياللار> ناملىق ئېپىسودنىڭ 3-قىسمى رۇشەن ئابباس بىلەن بولغان سۆھبەتكە ئاتالغان>

<دىن ۋە ئىتىقاد ئەركىنلىكىگە يىتەكچىلىك قىلغۇچى ئاياللار> ناملىق ئېپىسودنىڭ 3-قىسمى رۇشەن ئابباس بىلەن بولغان سۆھبەتكە ئاتالغان ئامېرىكادىكى مەھشۇر لانتوس فوندى جەمىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان <<قوغدىغۇچىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سادالىرى>> ناملىق