ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ چوڭ شېرىكى خۇاۋېي ئامېرىكىدا سوتلاندى
«ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن تېخنىكا ئوغرىلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تېلېگراف ئىمپېرىيەسىنى قۇرۇپ چىققان جىنايى تەشكىلات!»
«دۇنيا تېلېگراف ساھەسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن ئوغۇرلۇق، يالغانچىلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغان گورۇھ!»
بۇ سۆزلەر ئامېرىكا تەپتىشى ۋە ئادالەت مىنىستېرلىكى خادىملىرىنىڭ خۇاۋېيغا بەرگەن باھالىرى.
برۇكلىندىكى فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىدە 10-سىنتەبىر باشلانغان سوتتا، خۇاۋېي 12 تۈرلىك جىنايەت بىلەن ئەيىپلەندى.
شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقىغا باغلانغان خۇاۋېي ئاتلىق بۇ قاراگورۇھ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دېگىتال نازارەت سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن ئىجراسىغىچە بولغان جەرياندا ئاكتىپ رول ئوينىغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى جىنايىتىنىڭ ئەڭ چوڭ شېرىكىدۇر.
