ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتى ئامېركا خەلقىگە، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىغىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇش مەخسىدىدە، ئامېركىنىڭ تېكساس شىتاتىدا بىر يۈرۈش پائاليەتلەرنى ئېلىپ باردى.

ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتى خەۋىرى

2021-يىلى 7-نويابىر

ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتى ئامېركا خەلقىگە، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىغىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇش مەخسىدىدە، ئامېركىنىڭ تېكساس شىتاتىدا بىر يۈرۈش پائاليەتلەرنى ئېلىپ باردى.

تېكساس شىتاتىغا دۇق نىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن بىرگە، بىر گۇرپا بولۇپ يېتىپ كەلگەن ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرىكتورى روشەن ئابباس خانىم ئالدى بىلەن تېكساس شىتاتىدىكى داڭلىق ئونۋىرسىتىتلارنىڭ بىرى بولغان رايىس ئونۋىرسىتىدا ۋە خوستون ھولىكوس خاتىرە مۇزىيىدا سۆز قىلدى.

روشەن ئابباس خانىم سۆزىدە، ھەدىسى گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېچىنىشلىق تىراگىدىيەلەرنى نۇقتىلىق تەكىتلەش ئارقىلىق ، شەرقى تۈركىستاندا يۈرگىزىلىۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئۆز ئائىلىسى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگىنى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ تىپىك قۇربانى ئىكەنلىگىنى تەكىتلىدى.

روشەن ئابباس خانىم سۆزىدە يەنە، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىز دىرەكسىز غايىپ بولۇش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەن، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نىڭ ۋەزىيتى ھەققىدىمۇ توختۇلۇپ ئۆتتى.

روشەن ئابباس خانىمنىڭ رايىس ئونۋىرسىتىتى ۋە خوستون ھولىكوس خاتىرە مۇزىيىدا سۆزلىگەن سۆزى كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ ، ئامېركىلىقلارغا، ئوقۇغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلارغا، خىتتاي قىرغىنچىلىغىنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىغا قانداق ئېچىنىشلىق تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىگىنى بىلدۈرۈشتە بىرىنچى قول ماتىريال بولۇشتەك رول ئوينىدى.

رايىس ئونۋىرسىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىغى ھەققىدە دوكلات بېرىش پائاليىتىنى، رايىس ئونۋىرسىتىدىكى ياش دىمۇكراتچى ئوقۇغۇچىلار ۋە بۇ ئونۋىرسىتىتنىڭ پراپپىسورى دوكتور كراگىن كونسىدايىن تەشكىللىگەن.

دوكلات بېرىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن روشەن ئابباس خانىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.

دوكلات بەرىش پائاليىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى بىلدۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى : “ بىز سىزنىڭ دوكلاتىڭىزدىن كېيىن، شەرقى تۈركىستاننىڭ قانچىلىك مۇھىم بىر ئىستىراتىگىيىلىك قاتناش تۈگۈنى ئىكەنلىگىنى، تەبى’ئى بايلىقلىرىنىڭ مول ئىكەنلىگىنى بىلىپ يەتتۇق . بىز داۋاملىق ھالدا خىتاينىڭ يەڭى مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى، كونا جوڭگۇ، كونا خىتتاي مىللى كىملىğئى، مەدىنيەت ئىنقىلاۋىدا ۋەيرانچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالى ۋە خىتاي ئېختىسادىنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن پەيدا بولغان يەڭى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇنازىرىلىشىشنى خالايمىز ” دىدى.

خوستون خولىكوس مۇزىيىدا سۆز قىلغان روشەن ئابباس خانىم دۇنيا جامائىتىگە خىتاپ قىلىپ: “ گەرچە دۇنيا ئېرقىي قىرغىنچىلىقنى سىياسى مەسىلە دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتتايدەك ئۇيغۇرلارغا ئېرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقان بىر دۆۋلەتكە 2022-يىللىق بېيجىن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا ساھىپخانلىق قىلىش شەرىپىنى بېرىپ، خىتاينى مۇكاپاتلاۋاتىدۇ” دىدى.
ئۇ يەنە دۈنيا جامائەتچىلىگىگە تېخىمۇ كۈچلۈك خىتاپ قىلىپ: “ئىنسانىيەت دۇنياسىدا يۈز بەرگەن ئېرقى قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت تارىخى بىر خاتانىڭ يەنە بىر قېتىم بۈگۈن تەكرارلىنىشىغا قانداقمۇ قاراپ تۇرالايمىز؟ ئۇيغۇرلار ئۆلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىغىدىن باشقا، دۈنيا دىمۇكراتىيەسى ۋە ئەركىنلىگىنىڭ كېلەچىگى
خەتەر ئاستىدا “دىدى.

خوستون خولىكوس خاتىرە مۇزىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائاليەتتە لاگىر شاھىدى زۇمرەت داۋۇت خانىم، خىتاي جازا لاگىرلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان بىردىن بىر گۇۋاھچى سۈپىتىدە توردىن گۇۋاھلىق بەردى. لاگىر شاھىدى زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ تەسىرلىك ھىكايىسى يىغىنغا قاتناشقان كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى.

ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتى ئامېركىنىڭ تېكساس شىتاتىدا ئېلىپ بارغان بىر قاتار پائاليەتلىرى جەريانىدا، بۇ جايلاردىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ۋە جامائەت كىشىلىرى بىلەن دوستلۇق ئالاقىسى ئورنۇتۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتى بۇ خىل ھەمكارلىقنىڭ كۈنسىرى يۈكسىلىشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ.

ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بۇ يىل سېنتەبىردە ھوستوندىكى دۇنيا ئىشلىرى كونسىيىدە لىكسىيە سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىغىنى توختۇتۇشتىكى ئاچقۇچلۇق پوتانسىئال ئىتتىپاقداشلار سۈپىتىدە تېكساس شىتاتىدىكى داڭلىق سودا تىجارەت لىدىرلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشماقتا.

ئامېركىنىڭ تېكساس شىتاتىدىكى خوستون جامائىتى ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتىنى ئىنتايىن قىزغىن كۈتۈۋالغان بولۇپ، شەرقى تۈركىستاندىن تولىمۇ ئۇزاقتا بولغان بۇ جايدا، شەرقى تۈركىستاننىڭ تەغدىرى ھەققىدە كۆڭۈل بۆلۈپ سورالغان سوئاللار كىشىنى تولىمۇ تەسىرلەندۈرەتتى.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.