ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ چۈمپەردىسى — دۇنياۋىي كاززاپلىق

ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ چۈمپەردىسى — دۇنياۋىي كاززاپلىق
شەرقىي تۈركىستاندا 10 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پەردازلاش ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتى خەلقارادىكى ياللانما ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىممۇ يەنە بىر ساختا مۇنبەر ھازىرلاپ، چەت ئەللىك خىتايپەرستلەرنىڭ زۇۋانى ئارقىلىق بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنماقتا.
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، 8-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە «جۇڭگودا يۈزلىشىش.شىنجاڭدا يۈزلىشىش» پروگراممىسى باشلىنىدىكەن. بۇنىڭغا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، رۇسىيە، ئالجىرىيە، سېربىيە، ئۇكرائىنا، ھىندىستان، بىرازىلىيە، ئىندونېزىيە، ۋېيتنام ۋە پاكىستان قاتارلىق 13 دۆلەتتىن كەلگەن چەتئەللىك ژۇرنالىستلار، مۇتەخەسسىسلەر، تور تەسىر كۈچىگە ئىگە كىشىلەر ۋە Z ئەۋلاد ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 خەلقئارالىق قاتناشقۇچى, مەركىزىي ۋە يەرلىك تاراتقۇلار ئىشتىراك قىلىدىكەن. ئۇلار ئۈرۈمچى، سانجى ۋە باشقا رايونلارنى زىيارەت قىلىدىكەن.
بۇ خىل كاززاپلىقنىڭ ئۆرنىكىنى تېخى يېقىندىلا ئاتالمىش «تۈرك مۇخبىرلىرى» كۆرسەتكەن ئىدى.
خىتاينىڭ خەۋىرىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلىدۇ: <<2021-يىلى باشلانغاندىن بۇيان، «جۇڭگو كۈندىلىك تور گېزىتى» ۋە يەرلىك تور بوشلۇقى باشقۇرۇش ئورگانلىرى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «جۇڭگو بىلەن يۈزلىشىش» خەلقئارا تاراتقۇ ساياھىتى بەش قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ تەشەببۇس پۈتۈن مەملىكەتتىكى 18 ئۆلكىنى قاپلىدى، ياۋروپا، ئامېرىكا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى 40 تىن ئارتۇق دۆلەتتىن يۈزلىگەن چەتئەللىك مېھمانلارنى تەكلىپ قىلدى، 500 دىن ئارتۇق يەرلىك سورۇنغا باردى ۋە 10 مىڭدىن ئارتۇق يۇقىرى سۈپەتلىك بىر گەۋدىلەشكەن تاراتقۇ دوكلاتىنى ئىشلەپ چىقاردى.>>