ئىتىقاد – جىنايەت ئەمەس!
نويابىرنىڭ 19-كۈنى ۋاشىنگتوندا «ئىتىقاد – جىنايەت ئەمەس: خىتاي ۋە دۇنيادا دىنىي ئەركىنلىك تەھدىتلىرى» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىممۇ بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان.
.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە شۇنداق بايان قىلىنغان:
.
ۋاشىڭگتوندا ئېچىلغان «ئىتىقاد – جىنايەت ئەمەس: خىتاي ۋە دۇنيادا دىنىي ئەركىنلىك تەھدىتلىرى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرىمۇ قاتناشتى
بۈگۈن 11-ئاينىڭ 19-كۈنى ۋاشىڭگتوندىكى خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئېنىستىتۇتى تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان «ئىتىقاد – جىنايەت ئەمەس: خىتاي ۋە دۇنيادا دىنىي ئەركىنلىك تەھدىتلىرى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى، ھەم شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسى، ھەم شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە رەئىسى رۈشەن ئابباس خانىم ۋە ئاكتىۋىست جەۋھەر ئىلھام خانىم قاتارلىقلار قاتناشتى.
يىغىندا ئالدى بىلەن خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئېنىستىتۇتى مۇدىرى دانىيال تىۋىننىڭ ئەپەندى ئاۋىستىندىكى تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى روبېرت سىترائۇس خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋە قانۇن بۆلۈمى ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى دوكتور رەنا سىئۇ ئىنبودەن Dr. Rana Siu Inboden خانىم تەييارلىغان «ئىتىقاد – جىنايەت ئەمەس: خىتاي ۋە دۇنيادا دىنىي ئەركىنلىك تەھدىتلىرى» تېمىسىدىكى مەخسۇس دوكلاتنى قىسقىچە تونۇشتۇردى.
ئارقىدىن مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان دوكتور رەنا سىئۇ ئىنبودەن خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە كومىنىست خىتاينىڭ دىنىي زىيانكەشلىكلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى باشلاندى. يىغىندا، ئۇيغۇر ئاكتىۋىست جەۋھەر ئىلھام خانىم، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىدىن بۇچۇڭ ك. تسەرىڭ ئەپەندى ۋە خىتاي تەتقىقاتچى گاۋ پۇ ئەپەندى قاتارلىقلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە ھەم شۇنداقلا، خىتايدىكى مۇسۇلمان، بۇددىست ۋە خرىستىيانلارغا قىلىنغان سىياسىي زۇلۇم ۋە دىنىي زىيانكەشلىكلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا خىتاينىڭ بارلىق دىنلەرنى دۈشمەن كۆرىدىغانلىقى، دىنىي ئىبادەتلەرنى چەكلىگەنلىكى ۋە مىليۇنلىغان دىنى ئىتىقادلىق كىشىلەرنى يىغىۋېلىش لاگىرىغا سولاپ جىسمانىي ۋە رۇھى جەھەتتىن قىيناش بىلەن بىرگە، كۆپلىگەن بىگۇناھ كىشىلەرنى ئىتىقادى ئۈچۈنلا ئۆلتۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭغا ئامېرىكا باشچىلىق دېمۇگراتىك ئەللەرنىڭ قاراپ تۇرماسلىقى ۋە خىتايغا قارىتا ئەمەلىي جازا تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ئىشچى ھەقلىرى بىرلەشمىسى مەجبۇرى ئەمگەك تۈرى دېرىكتورى ھەم شۇنداقلا ئاكتىۋىست جەۋھەر ئىلھام خانىم يىغىندا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ دىنىي زىيانكەشلىكلىرىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق پاش قىلدى ۋە دادىسى دوتسېنت ئىلھام توختىنىڭ بىگۇناھ ھالدا ئۆمۈر بويى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ 12 يىلدىن بېرى خىتاي تۈرمىسىدە ئازاپ چېكىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
يىغىن ئاخىرىدا خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئېنىستىتۇتى ئاسىيا ۋە پاسىفىك تۈرى دېرىكتورى ئادەم كىڭ ئەپەندى خۇلاسە سۆزى قىلىپ، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا قاتارلىق دېمۇگراتىك دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە، كومىنىست خىتاينىڭ دىنىي زىيانكەشلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى بىرلىكتى چارە قوللۇنۇپ، خىتاينىڭ دۇنياغا تەھدىت ئېلىپ كېلىشىدەك ئېغىر ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى دەرھال توسۇشقا چاقىرىق قىلدى.
يىغىنغا ۋاشىڭگتون ۋە ۋىرجىنىيە شىتاتىدىن خىتايغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت قىلىدىغان ۋە تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىدىغان تەتقىقاتچى، دېپلومات، سىياسەتچى ۋە ھەرخىل تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بولۇپ 60 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
