ئامېرىكا 60 دۆلەتكە يېڭى تاموجنا بېجى قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا 60 دۆلەتكە يېڭى تاموجنا بېجى قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا پرىزدېنتى ترامپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 38 دۆلەتكە 12.5% لىك، قالغانلىرىغا 10% لىك بولۇپ، جەمىي 60 دۆلەتكە بۈگۈن 24-ئىيۇلدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىغان يېڭى تاموجنا بېجى سىياسىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىيۇلنىڭ 23-كۈنى ئېلان قىلىنغان ھۆججەتتە، 60 دۆلەتكە بۇ يېڭى تاموجنا بېجى سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشكە سەل قارىغانلىقى سەۋەبىدىن بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.