ئامېرىكا شى جىنپىڭغا قىزىل گىلەم سېلىشتىن ئىلگىرى، سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك!
ئاۋغۇستنىڭ 20-كۈنى خۇدسون ئىنىستىتۇتى سەھىپىسىدە <<ئامېرىكانىڭ قارارى ئۈچۈن ئۆرنەكلىك سىناق: دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش>> ناملىق بىر يازما ئېلان قىلىندى.
ترامپ ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ شەكلىدە يېزىلغان بۇ يازمىنىڭ بېشىدا، رۇشەن ئابباس 2018-يىلى سىنتەبىر خۇدسون ئىنىستىتۇتىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى ئاڭلىتىپ بىرقانچە كۈندىن كېيىن، ئۇنىڭ گۇناھسىز ھەدىسى دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ ئۈرۈمچىدە خىتايلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى، 6 ئايدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇنىڭغا «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش»، «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ياردەم بېرىش»، «ئاممىنى توپلاپ جەمىيەت تەرتىبىنى بۇزۇشقا قۇترىتىش» جىنايەتلىرىنى ئارتىپ 20 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلغانلىقى، 64 ياشلىق بۇ گۇناھسىز دوختۇرنىڭ ھازىرمۇ خىتاي تۈرمىسىدە ئازاپ چېكىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
يازمىدا، ئامېرىكا پۇقراسى بولغان رۇشەن ئابباستىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ ھازىرقى سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقى، ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازانىڭ ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئاكىسى، سىڭلىسى ۋە قىزىنى ھەم نەۋرىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان24 نەپەر جەمەتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئامېرىكا پۇخرالىرىغا قىلىنغان خىتاينىڭ چىگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىنىڭ ئېنىق دەلىلى ئىكەنلىكى، ئامېرىكانىڭ ئۆز پۇخرالىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تارىخى ۋە ۋىجدان مەھبۇسلىرىغا ئىگە چىقىش ئەنئەنىسى بويىچە، دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئامېرىكانىڭ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
يازمىدا ئالاھىدە دىققەتنى چېكىدىغىنى، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تۈرلىك قانۇنلارنى ماقۇللىغانلىقى، ئەمما ئۇنىڭ ئىجراسىنىڭ يىتەرلىك دەرىجىدە ياخشى بولمايۋاتقانلىقى، دوختۇر گۈلشەن ئابباس مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن مۇھىم بىر سىناق ئىكەنلىكى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ سىنتەربىردە ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرى، گۈلشەن ئابباسنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ئامېرىكانىڭ ئۆزىنىڭ كۈچى ۋە نوپۇزىنى نامايەن قىلىشىنىڭ زۆرۈرلىكى قانۇنىي نۇقتىلاردىن چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈلگەن.
شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكانىڭ قىزىل گىلەم سېلىپ كۈتىۋېلىش شەرىپىگە ئېرىشىشنىڭ بەدىلىنى تۆلىشى لازىملىقى تەكىتلەنگەن.
بۇ يازمىنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
https://www.hudson.org/foreign-policy/test-case-us-resolve-securing-release-uyghur-doctor-gulshan-abbas-olivia-enos?fbclid=IwY2xjawT2Vb5wZG9mAWV4dG4DYWVtAjEwAGJyaWQRMVV3dVJ5eW9FdXdNT1Zlc3JzcnRjBmFwcF9pZBAyMjIwMzkxNzg4MjAwODkyAAEerlnD6Sy-8r69i8KDxKjj4kJcoqkV2c9x1vlTgjTUeDWwXsukFoisTbk8Qvw_aem_R5Izssaq8aEVKPn_T_rQvw
