ئامېرىكا خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ قارار لايىھېسىدە گۈلشەن ئابباس مەسىلىسى

ئامېرىكا خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ قارار لايىھېسىدە گۈلشەن ئابباس مەسىلىسى
سىنتەبىرنىڭ 21-كۈنى ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىدىن خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى John Moolenaar ۋە Tom Suozzi سەككىز يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە ناھەق يېتىۋاتقان دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىگە دائىر بىر قارار لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەزكۇر لايىھەدە پرىزدېنت ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئۇچرۇشىشىدا دوختۇر گۈلشەن ئابباس مەسىلىسىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى تەشەببۇس قىلىنغان.
خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتنىڭ رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى John Moolenaar ۋە مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئەزاسى Tom Suozzi ئۆز باياناتىدا مۇنداق دېدى: «گۈلشەن ئابباس خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن دەرھال قويۇپ بېرىلىشى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قايتا جەم بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى ئاۋاز چىقارغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنى قورقۇتۇش ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن پايدىلىنىشتەك رەھىمسىز قىلمىشىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر.»
سىنتەبىرنىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى «زۇلۇمنىڭ سىيماسى: خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ نىشانىغا ئايلانغان مەھبۇسلار، ئائىلىلەر ۋە مەھەللىلەر» ناملىق يىغىندىمۇ گۈلشەن ئابباس مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.