ئامېرىكادىكى ئىككى ئۇيغۇر تەشكىلاتى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» نىڭ كوللېكتىپ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 2022-يىلى 4-فېۋرالدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلىش ھارپىسىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن تام سۋازى ۋە كرىستوفېر سىمىس نورۋېگىيە نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىغا بىرلىكتە مەكتۇپ يوللىغان. مەكتۇپتا ئۇلار ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتىنى 2022-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» نىڭ كوللېكتىپ نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن ھەمدە «بۇ ئىككى تەشكىلات يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدىكى دەپسەندىچىلىك ۋە زۇلۇمنى پاش قىلىشتا ئۈلگىلىك رول ئوينىغان» دەپ كۆرسەتكەن.

نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىغا ئەۋەتىلگەن مەكتۇپتا بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ نۆۋەتتە قىرغىنچىلىققا ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ھېمايە قىلىش ئارقىلىق دۇنيادا تىنچلىق ۋە دوستلۇق بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرلۈك زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرى نۇقتىلىق بايان قىلىنىپ: «ئىشەنچىمىز كامىلكى، بىر كۈنلەردە ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرىۋاتقان قىرغىنچىلىق ھامان ئاياقلىشىدۇ. شۇ ۋاقىتتا دۇنيا خەلقى بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئىجراچىلىرىنى سوراققا تارتىدۇ. ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق ھۆججەتلەشتۈرۈپ چىققان ماتېرىياللىرى بۇنىڭدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ،» دېيىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ئەۋجىگە چىققانسېرى بۇنى پاش قىلىش ھەمدە دۇنيا خەلقىنى بۇ قەھبىھلىكتىن خەۋەرلەندۈرۈش، شۇنداقلا دۇنيا ئاللىقاچان «ھەرگىز قايتىلانمايدۇ» دەپ ۋەدە بەرگەندىن كېيىنمۇ بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ يەنىلا ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ساقلىنىش توغرىسىدا ئامېرىكادىكى بۇ ئىككى تەشكىلات كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى ماس قەدەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كېلىۋاتقان تۈرلۈك تەھدىتلەر ۋە «ئۆچ ئېلىش» لارغا دۇچ كەلگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەققانىيەت ۋە ئادالەت ئۈچۈن قىلىۋاتقان كۈرەشلىرىنى توختىتىپ قالالمىغان. بۇ نۇقتا نوبېل كومىتېتىغا يوللانغان مەكتۇپتىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئالغان بولۇپ: «تارىخ ئۇلارنىڭ ئىزچىل داۋام قىلغان تىرىشچانلىقىنى، جۈملىدىن 21-ئەسىردىكى ئەڭ زور ھەقلەر دەپسەندىچىلىكىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن باتۇرلۇقىنى ئۇنتۇمايدۇ» دېيىلگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، ئىككى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىىشى، ماھىيەتتە مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىشى بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار قىرغىن قىلىنىۋاتقان پەۋقۇلئاددە شارائىتتا بۇنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ھەيئەت كومىتىتېىنىڭ رەئىسى نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بولسا بۇ نامزاتلىققا كۆرسىتىشنىڭ قوش ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس بۇ قېتىمقى نامزات كۆرسىتىشتىن بەكمۇ خۇرسەن بولغان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى نامزات كۆرسىتىش ماھىيەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئوخشىمىغان شەكىلدە داۋام قىلدۇرىۋاتقان پائالىيەتلەرنىڭ خەلقئارادا يەنە بىر قېتىم ئېتىراپ قىلىنىشى ھېساپلىنىدىكەن.

ئ‍ۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇنداق بىر تەكلىپنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئېنىقلا خىتاي ھۆكۈمىتى زادىلا كۈتمىگەن بىر ھادىسە ھېساپلىنىدىكەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەكلىپكە ھۇجۇم قىلىشى ھەمدە باشقا تۆھمەتلەرنى چاپلىشى ئېھتىمالغا بەكمۇ يېقىن ئىكەن. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ھەقىقەتنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

ھەر يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىدىغان شەخس ۋە تەشكىلاتلار ئون-يىگىرمىگە يېتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى رىقابەت ۋە تاللاش بەكمۇ كەسكىن بولىدىكەن. ئەمما ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباسنىڭ قارىشىچە، بۇ يىللىق مۇكاپاتنى ئالالمىغان تەقدىردىمۇ بۇنى «بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەت» دەپ قاراشقا بولمايدىكەن.

بۇ مەسىلە ھەققىدە نۇرىي تۈركەل ئەپەندىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان قاراشتا ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ مۇكاپاتنىڭ ئاخىرىقى ھېسابتا قولغا كېلىشىدىن كۆرە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشى ھەممىدىنمۇ بەكرەك مۇھىم ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ بايراقدارلىرىدىن رابىيە قادىر خانىم ۋە خىتاي تۈرمىسىدە مەڭگۈلۈك قاماق جازاسىنى ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختى ئايرىم-ئايرىم ھالدا «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» نىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. نۆۋەتتە بۇ خەۋەر ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن كەڭ يەر ئالماقتا ئىكەن.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ئەرگە بىر نۆۋەت، يەرگە بىر نۆۋەتمۇ؟

«ئەرگە بىر نۆۋەت، يەرگە بىر نۆۋەت»مۇ؟ ئەنگىلىيەلىكلەرنى «خىتاينىڭ ئالدىدا كۈچۈكلىنىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى» دېگەن گەپنىڭ گۇمانلىنىدىغان يېرى قالماپتۇ. يالغۇز گېئوسىياسەتتىلا ئەمەس، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلار ۋە ئادەتتىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ ئەنگىلىيەلىكلەر

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكىدە

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكىدە خەلقارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتۇر رىشات ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى رۇشەن ئابباسلار 14-ئاپرىل

ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯧﯖﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ — ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﺎﻛﺘﯧﻜﯩﺴﻰ

ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯧﯖﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ — ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﺎﻛﺘﯧﻜﯩﺴﻰ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺩﻩﻝ 86 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﭘﻮﻟﺸﺎﻧﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯩﺴﺘﺎﻟﯩﻦ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ (NKVD)ﻏﺎ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻮﻟﺸﺎﺩﯨﻜﻰ

ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﺎﮪﯩﻴﻪ – «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﺪﯨﻨﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ»؟

ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﺎﮪﯩﻴﻪ – «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﺪﯨﻨﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ»؟ «ﺋﻮﻏﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﯛﻛﻰ ﭘﻮﻙ-ﭘﻮﻙ» ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ، ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﯛﻛﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭘﻮﻙ-ﭘﻮﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻣﺎﺭﺗﻨﯩﯔ 26-ﻛﯜﻧﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﻏﯩﻠﯩﻖ ﻧﺎﮪﯩﻴﻪﺳﯩﺪﻩ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ «ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﮪﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﻳﯧﻤﯩﺮﯨﺶ» ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ «ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﮪﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﻳﯧﻤﯩﺮﯨﺶ» ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﻓﻮﻧﺪﻯ (HRF)ﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﯟﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ 6-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1-ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 3-ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﻧﻮﺭﯞﯦﮕﯩﻴﻪﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ «2026-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻮﺳﻠﻮ

ماگيارنىڭ غەلىبىسى, كىملەرنىڭ مەغلۇبىيىتى بولدى؟

ماگيارنىڭ غەلىبىسى, كىملەرنىڭ مەغلۇبىيىتى بولدى؟ ئاپرىلنىڭ 12-كۈنىدىكى ۋېنگىرىيەنىڭ سايلام نەتىجىسىدە، 16 يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان ۋىكتور ئورباننىڭ مەغلۇپ بولۇپ، پېتېر ماگيارنىڭ غەلىبە قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. ماگيارنىڭ غەلىبىسى

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻧﻪﺳﻠﻰ ﻗﯘﺭﯗﺗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻗﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻧﻪﺳﻠﻰ ﻗﯘﺭﯗﺗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻗﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻛﺘﻪ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﻪﺗﺒﯘ’ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﻯ 11-ﺋﺎﭘﺮﯨﻞ «ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺩﻭﻛﻼﺕ»

خىتاي نازارەت ئىمپېرىيەسىنىڭ زېمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە

«خىتاي نازارەت ئىمپېرىيەسى»نىڭ زېمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە مەركىزى لوندۇندا بولغان <<Impact international>>نىڭ 11-ئاپرىلدىكى «خىتاي نازارەت ئىمپېرىيەسى: ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشى بارغانسىرى دۇنيا پەن-تېخنىكا ساھەسىنىڭ قارشىلىقىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ» ناملىق دوكلاتىدا، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ