كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلدى

ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق نۆۋەتتە خەلقئارادا بارغانسېرى كۆپ ساھەنىڭ ئەيىبلىشى ۋە تەنقىدىگە ئۇچراش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىق ۋە قوللاش چۇقانلىرىمۇ بارغانسېرى زور سالماققا ئىگە بولۇشقا باشلىدى. ئامېرىكادىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكەن ھەپتە چاقىرىلغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىنى ئەنە شۇ خىل سادالارنىڭ بىرى دېيىش مۇمكىن.

25-سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا يىغىن رىياسەتچىسى، «ئەسىر مىللەتلەر بىرلەشمىسى» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى سىخون كىم ئالدى بىلەن سۆز ئالدى. ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن يىغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباسنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. روشەن ئابباس يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ۋە زور كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان دۇچ كەلگەن ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئاياللىرى، ئۇيغۇر ئەرلىرى ۋە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن قانداق زۇلۇملارنى سېلىۋاتقانلىقى، بۇ جەرياندىكى بارلىق زۇلۇم شەكىللىرىدە بىردەك «ئۇيغۇرلارنى تۈپتىن يوق قىلىش» تەك بىر ئورتاق نىشاننىڭ كۆزلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئائىلىۋى كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ زۇلۇملارغا مەھكۇم بولۇۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ «ئۇيغۇر بولۇش» تىن باشقا ھېچقانداق بىر «جىنايەت» ساھىبى ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھازىر ھايات قېلىشتەك ئاخىرقى ئارزۇسىنىڭمۇ كۆپۈككە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمدىلىكتە مۇشۇنداق بىر زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق شۇنچە ئاشكارا مەلۇم بولۇۋاتقاندا دۇنيادىكى شۇنچە كۆپ شىركەتلەرنىڭ تېخىچە ئۇيغۇرلار ئاساسىي نىشان بولۇۋاتقان «مەجبۇرىي ئەمگەك» تىن مەنپەئەت ئېلىشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ «بۈگۈن خىتاي كومپارتىيەسى پۈتۈن كۈچى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر دۇنيا بۇنىڭغا داۋاملىق سۈكۈت قىلسا بۇ قىرغىنچىلىق دۇنياغا كېڭىيىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر ھەممەيلەننىڭ بۇ قىرغىنچىلىققا قارشى ئورنىدىن دەست تۇرۇشى بەكمۇ زۆرۈر» دەپ كۆرسەتتى.

يىغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن ئېنكىبات توچوگ يىغىن ئەھلىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ موڭغۇل خەلقىگە قانداق زۇلۇملارنى سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئەقەللىيسى «جەنۇبىي موڭغۇلىيە» دېگەن رېئال نامنى سىياسىيلاشتۇرۇپ «ئىچكى موڭغۇل» دەپ ئۆزگەرتىشىتىن باشلانغان سىياسىي باستۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسى ئەڭ بۇرۇن ئىشغال قىلغان بۇ رايوندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مىللىي تازىلاش، ئىقتىسادىي تالان-تاراج، مۇھىت بۇزغۇنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قاتارلىق مەزمۇنلار مۇجەسسەملەشكەن قەبىھ ۋە زۇلمەتلىك ماھىيىتى ئەڭ بالدۇر ئاشكارا بولغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئاللىقاچان مىليوندىن ئارتۇق موڭغۇل «تازىلانغان» بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قانچىلىك غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقى» نى داۋراڭ قىلىۋاتقانلىقىنى، «قوش تىل» نامىدىكى خىتايچە مائارىپنىڭ ئەمەلىيەتتە قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى، ئارىدىن شۇنچە يىللار ئۆتكەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قەبىھ نىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارقىلىق تېخىمۇ ئاشكارا نامايان بولغانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتتى. .

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۇرۇنۇشلىرى ھەققىدە «ئامېرىكا-تىبەت كومىتېتى» نىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن تېنزېن سامپو يىغىن ئەھلىگە مەلۇمات بەردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت رايونىدىكى نەچچە ئون يىللاپ داۋام قىلغان سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت سىياسەتلىرىنىڭ ئىزچىل تىبەتلەرنى «خىتايلاشتۇرۇش» ۋە تىبەتلەرنى مەدەنىيەت جەھەتتىن قىرغىن قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق نىشانى بولمىغانلىقىنى كۆپلىگەن مىساللار ئارقىلىق بايان قىلىپ بەردى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «قىرغىنچىلىقنى ئاخىرقى نىشان قىلغان ماھىيىتى» ھەمدە ئۇنىڭ ئەڭ زامانىۋى شەكىلدىكى ئىپادىلىنىشى توغرىسىدا «خوڭكوڭ ئەركىنلىك فرونتى» نىڭ رەئىسى باگيو لوڭ ئەھۋال تونۇشتۇردى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيا شاھىت بولغان ئەھۋالدا ئۆزلىرى بەرگەن «يۈكسەك ئاپتونومىيە» ۋەدىسىدىن قانداق يېنىۋالغانلىقى، بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئاشكارا بولغانلىقى ھەققىدىكى بايانلار يىغىن ئەھلىگە ئالاھىدە تەسىر قىلدى. .

مەلۇم بولۇشىچە، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر قاتار كىتابلار نەشر قىلىنغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى ئىكەن. مۇشۇ خىلدىكى زور تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوخشاش داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇشتا ئىجابىي رول ئوينايدۇ، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻛﻮﭘﯩﻨﺨﺎﮔﯧﻦ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﺘﻰ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻛﻮﭘﯩﻨﺨﺎﮔﯧﻦ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﺘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻛﻮﭘﯩﻨﺨﺎﮔﯧﻦ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﯞﯦﻨﯩﺴﯘﺋﯩﻼ ﺋﯚﻛﺘﯩﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻩﮪﺒﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﯩﮕﻪﻥ Rune Steenberg ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﯩﮕﻪﻥ Rune Steenberg ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮪﻪﺭﻛﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﻰ ﺳﺎﻧﯩﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺩﺍﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺸﯘﻧﺎﺱ Rune Steenberg ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ «ﻛﻮﭘﯩﻨﺨﺎﮔﯧﻦ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ» ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ «ﻛﻮﭘﯩﻨﺨﺎﮔﯧﻦ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ» ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ «ﻛﻮﭘﯩﻨﺨﺎﮔﯧﻦ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ» ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﻰ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ Engin Eroglu, ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯧﺮﻯ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺯﺍﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﭘﯩﻨﺨﺎﮔﯧﻨﺪﺍ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺯﺍﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﭘﯩﻨﺨﺎﮔﯧﻨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺯﺍﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ، ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺗﻮﮪﺘﻰ، ﺋﯚﺭﻛﻪﺵ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﻏﻪﻳﯘﺭ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻼﺭ ﺩﺍﻧﯩﻴﻪ ﭘﺎﻗﻴﺘﻪﺧﺘﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ «ﻛﻮﭘﯩﻨﺨﺎﮔﯧﻦ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ» ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ،

ﺩﺍﻧﯩﻴﻪ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﭼﯩﮕﺮﺍ ﮪﺎﻟﻘﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ

ﺩﺍﻧﯩﻴﻪ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﭼﯩﮕﺮﺍ ﮪﺎﻟﻘﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ «ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺩﻭﻛﻼﺗﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺩﺍﻧﯩﻴﻪ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﮪﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﭼﯩﮕﺮﺍ

جون بېكنىڭ «تۇتقۇن قىلىنىدىغان ئاشۇ ئادەملەر» ناملىق يېڭى كىتابىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ماھىيىتى ئېچىپ بېرىلگەن

جون بېكنىڭ «تۇتقۇن قىلىنىدىغان ئاشۇ ئادەملەر» ناملىق يېڭى كىتابىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ماھىيىتى ئېچىپ بېرىلگەن جون بېكنىڭ «تۇتقۇن قىلىنىدىغان ئاشۇ ئادەملەر» ناملىق يېڭى كىتابىدا خىتاينىڭ يۈكسەك نازارەت سىستېمىسىنى

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى 8-ماي ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر ئامېرىكا پارلامېنتىنى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى خادىملىرى ھىندونىزىيەدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتتى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى خادىملىرى ھىندونىزىيەدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتتى مەركىزى ۋاشىڭتوندا بولغان ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى 28-ئاپرىلدىن 7-مايغىچە ھىندونىزىيەنىڭ بىرقاچە شەھەرلىرىدە زىيارەتتە