ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى
8-ماي ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر ئامېرىكا پارلامېنتىنى زىيىئارەت قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نۆۋەتتىكى قىسمەتلىرى ھەققىدە تەكرار مەلۇماتلار بەردى. ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.