ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۇنجى بولۇپ جاكالىغان مايىك پومپېئو بىلەن
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى رىشات ئابباس ئەپەندى ھەمدە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىدىن سابرىنا سوھائىل ۋە ياكوب روپې 6-ماي كۈنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۇنجى بولۇپ دۇنياغا جاكارلىغان ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى مايىك پومپېئو بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ دۇنياغا تونۇلىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن جاسارىتىگە رەھمەتلىرىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، رۇشەن ئابباس خانىم ئۆزىنىڭ «سۇنماس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن كۆرىشى» ناملىق ئەسىرىنى مايىك پومپېئوغا تەقدىم قىلدى.