گېرمانىيەدە قولغا ئېلىنغان خىتاي جاسۇسى رەسمىي ئەيىپلەنگەن
گېرمانىيەدىكى «گېرمانىيە ئۈچۈن تاللاش» ناملىق ئوڭچىل پارتىيەنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ماكسىمىلىيان كراھنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلەيدىغان جىئەن.گ ناملىق خىتاي 2019-يىلىدىن 2024-يىلى 4-ئايدا جاسۇسلۇق گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغۇچى بولغان مۇددەتتە ياۋروپا پارلامېنتىدا مەلۇمات توپلاش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ توپلىغان مەلۇماتلارنڭ سانى 500 دىن ئارتۇق بولۇپ، بەزىلىرى مەخپىي مەلۇماتلار قاتارىغا كىرىدىكەن.
ھازىر 44 ياشلىق بولغان جىئەن گ. ناملىق خىتاي 2002-يىلىلا خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرىغا ئىشلەپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ يەنە بىر ئايال ھەمراھى بىلەن بىرگە قولغا ئېلىنغان.
ھازىر ياۋروپا دۆلەتلىرىدە خىتاي جاسۇسلىرىغا بولغان سەزگۈرلىك ھەسسىلەپ ئېشىپ بارماقتا.
سۈرەتتىكىسى: Maximilian krah bilen jien. G.