كەسكىنلىشىۋاتقان ھەربىي رىقابەت ۋە 3-دۇنيا ئۇرۇشى
شىۋېتسىيەنىڭ ئاقىللار ئامبىرى بولغان <<ستوكھولىم تېنىچلىق تەتقىقات ئورنى>>نىڭ 28-ئاپرىلدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، يەرشارىنىڭ ھەربىي چىقىمى 2024-يىلى 9.4% ئۆرلەپ، 2 ترىليۇن 700 مىليارد دوللار بولغان. بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيە ھېسابلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە: ئامېرىكا، خىتاي، رۇسىيە، گېرمانىيە ۋە ھىندىستاننىڭ ھەربىي چىقىمى يەرشارى ئومۇمىي ھەربىي چىقىمىنىڭ 60% ئىنى ئىگىلىگەن.
1. ئامېرىكانىڭ 2024-يىللىق ھەربىي چىقىمى 5.7% ئېشىپ، 997 مىليارد دوللارغا يەتكەن.
2. خىتاينىڭ ھەربىي چىقىمى 7% ئېشىپ، 314 مىليارد دوللارغا يەتكەن.
3. رۇسىيەنىڭ ھەربىي چىقىمى 38% ئاشقان.
4. گېرمانىيەنىڭ ھەربىي چىقىمى 28% ئېشىپ، 88 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتكەن ۋە ھىندىستاندىن ئېشىپ كەتكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىمۇ خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي چىقىملىرىنى تىز يۈكسەلىتمەكتە ئىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى 2024-يىلى ھەربىي خىراجەت ئۈچۈن 1 ترىليۇن 500 مىليارد دوللار ئاجراتقان.
بۇنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە 3-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا تەقدىرى قاباھەتلىك بولغان ئۇيغۇرلار 3-دۇنيا ئۇرۇشىدا مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەي. ئىنشائاللاھ!