خىتاي ئۇدا 6 يىل زالىملىقنىڭ ئۈلگىسى بولدى
خىتاي ھاكىمىيىتى 2014-يىللىرىدىن باشلاپلا شەرقىي تۈركىستاندىكى يازارلار، زىيالىلار، تور ساھىپلىرىنى تۇتۇپ سولاشقا باشلىغان بولۇپ، 2014-يىلى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان ئىلھام توختى بۇنىڭ بىر ئۆرنىكى ئىدى. 2016-2017-يىللىرىدىن باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا زىيالىلار قوشۇنى قالمىدى.
ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمىيىتىنىڭ سۆز ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچىدە بايان قىلىشىچە، خىتاي 2024-يىلىمۇ سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلەشتە 1-ئورۇنغا تىزىلىپ، دۇنيا بويىچە ئۇدا ئالتە يىل سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلەشتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلگەن. زالىملىقنمىڭ چىمپىيونلۇق ھوقۇقىنى قولدىن بەرمىگەن.
2023-يىلى خىتايدا 107 يازغۇچى قولغا ئېلىنغان بولسا، 2024-يىلى 118 يازغۇچى قولغا ئېلىنغان. بۇلارنىڭ يېرىمىنى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدىكەن. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى توردا پىكىر قىلغان، خىتاي ھاكىمىيىتىدىن نارازى بولغان ياكى ئۆز قاراشلىرىنى دادىل ئىپادە قىلغانلار ئىكەن. خىتاي ھاكىمىيىتى بۇلارنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋىپ يەتكۈزگەن دېگەن قالپاق بىلەن تۇتقۇن قىلغان.