رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرى
رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملار توغرىسىدىكى بايانلىرى كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمىيىتىنىڭ <مالىيە ئەركىنلىكى دوكلاتى>دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمىيىتىنىڭ <مالىيە ئەركىنلىكى دوكلاتى> ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىغا دائىر بايانلىرىغا كەڭ ئورۇن بەرگەن.
دوكلاتتا رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر توغرىسىدىكى پىكىرلىرى ئورۇن ئېلىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىش، مۇسادىرە قىلىش، دېھقانلارنى يەر ۋە ئۆيلىرىدىن ئايرىپ تاشلاش، شەخسلەرنىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىكىنى ۋەيران قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە تەلمۈرۈپ ياشايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇش ۋە قارشىلاشقانلارنى سولاش، غايىپ قىلىۋېتىشتەك ۋەھشىي جىنايەتلىرىگە دائىر مەزمۇنلارمۇ كەڭ ئورۇن ئالغان.
دوكلاتتىكى مەزمۇنلارنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
https://hrf.org/latest/how-china-uses-financial-repression-to-erase-the-uyghur-people/