پائالىيەتلەر

دىسسېنى خوجايىنى روبېرت ئىگېر خىتايغا باش ئەلچى بولامدۇ؟

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى كېيىنكى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىققا سايلانغان جوۋ بايدىننىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ توغرا ئاتىغانلىقىدىن خۇشال بولغانىدى. چۈنكى كېلەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە قارشى تۇرۇشى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. ئەگەر

مۇسۇلمانلار جامائىتى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقىردى

خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش ساداسى بارغانسېرى يۇقۇرى كۆتۈرۈلىۋاتقاندا ئەڭ چوڭ ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ ئېغىر باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللىشى ئىزچىل خەلقئارانىڭ تەنقىد ئوبېكتى بولۇپ كەلمەكتە. ئەنە

روشەن ئابباسنىڭ «ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان گۇرۇپپىلىرىدىن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا چاقىرىق» يىغىنىدىكى نۇتۇقى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىم، بۈگۈن مېنىڭ دېگەنلىرىمنى ئوبدان ئاڭلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى ، ھەقىقىي دوست ئاغرىتىپ سۆزلەيدۇ، چۈنكى ھەقىقەت ئاچچىق. سىياسى ساداقەت ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈممەتنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەكمۇ؟ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ياردىمىدىن قەستەن مەھرۇم قالدۇرۇلدى. مۇسۇلمانلار جامائىتىمۇ

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى يەر شارى سىياسىتى مەركىزىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك توغرۇلۇق يېڭى دوكلات ئېلان قىلغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى دوكتور ئادرىئان زېنزنىڭ يەر شارى سىياسىتى مەركىزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك پىلانى توغرىسىدىكى يەنە بىر مۇھىم دوكلاتىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ. مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ تەپسىلىي مەشغۇلات پىلانى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى

دوكتور راھىلە داۋۇتتەك زىيالىلارنىڭ تۇتقۇندا بولۇشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش غەرىزىنى يەنە بىر قەدەم ئىسپاتلاپ بېرىدۇ

(ئابدۇلھاكىم ئىدرىس) تارىختا بىر مىللەتنى يوقىتىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئۇلارنىڭ تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ھەمدە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇش. دۇنيا تارىخىدا بۇ ئىسپاتلانغان. مەسىلەن، موڭغۇللارنىڭ ئوتتۇرا شەرققە ھۇجۇم قىلىشى، يەھۇدىيلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشى قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالىدۇر. تۈركىيە شائىرى مەھمەت ئاكىف ئەرسوي

ئادەم بارمۇ؟

(ئابدۇلھاكىم ئىدرىس) كىشى بىرەر يەردە پالاكەتكە ئۇچرىغاندا بىر كىمدىن ياردەم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن «ئادەم بارمۇ؟» دەپ توۋلايدۇ. بۇ، شۇ كىشىنىڭ ئۆز جېنىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بىرەر ئىنساندىن ياردەم تەلەپ قىلشىدۇر. بۈگۈن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشغالىيىتىدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى دۇنياغا «ئادەم بارمۇ؟»

ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇيغۇرلار

9-دىكابىر، خەلقئارالىق ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش ۋە بۇ جىنايەتنى توسۇش كۈنى. بۇ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قەبىھ تەرىپىنى ئۇنۇتمايدىغان ھەمدە ئۇنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىنى چەكلەيدىغان كۈن. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتلەرنى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بۇ ئاپەتلىك قارا داغنى بىر-بىرلەپ يوقىتىشقا چاقىرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي

دۇنيا بالىلار كۈنىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قىسمىتى

بۈگۈن دۇنيا بالىلار كۈنى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بۈگۈن ئىنسانلارنى 500 مىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىرىدۇ. بۇ پاجىئە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىنى زېدە قىلدى ۋە ئۆچمەس داغ پەيدا

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەيدۇ

بۈگۈن (12-نويابىر) شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت بايرىمى كۈنىدۇر. بۈگۈن 1933-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن، 1944-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەيدىغان كۈندۇر. ئۇيغۇر خەلقى نەچچە ئون يىلدىن بېرى كوممۇنىست خىتاينىڭ ئېغىر زۇلمى ۋە زىيانكەشلىكىگە

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى قارشى ئالىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»تەشكىلاتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى خۇشال قىلدى. چۈنكى ئىسمى بار جىسمى يوق بۇ تەشكىلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىدىكى ئەڭ چوڭ باھانىسى بولۇپ كەلگەنىدى. خىتاي گۇناھسىز ئۇيغۇر

Recent Posts