پائالىيەتلەر

روشەن ئابباس: «ئىسرائىلىيەلىكلەر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى بىلەن ئوخشاش ئىكەن دېدى»

ۋاشىنگتوندىكى  ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى روشەن ئابباس ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلارنى تونۇشتۇرغاندا ئىسرائىلىيەلىك خادىملار  ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمەتلىرى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ قىسمەتلىرىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقان. ئۇنىڭ  بىلدۈرۈشىچە، بۇ سۆھبەتلەر 17-18- دېكابىردا ئۆتكۈزۈلگەن.

ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بۇخارېستتا دۇنيا رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىگە چىقىش ھەققىدە خىتاب قىلدى

  7-8-ئىيۇل كۈنلىرى رۇمىنىيە پايتەختى بۇخارېستتا چاقىرىلغان خەلقئارا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ 22-نۆۋەتلىك ئاخبارات ۋە بىخەتەرلىك مۇنبىرى يىغىنىغا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا قاتارلىق 61 دۆلەتتىن 300 دىن ئارتۇق دۆلەت ئەربابلىرى، سىياسىيونلار، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە مۇخبىرلار بىۋاسىتە ھەم تور ئارقىلىق

خىتاي ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە فرانسىيەدىكى مۇسۇلمانلارنى ئالداپ كەلگەن

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى رۇشەن ئابباس خانىملار 12-ئاپرىل جەنۋەدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، فرانسىيە پايتەختى پارىژدىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىغان.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىملار پارىژدا

پارىژ چوڭ مەسچىتىنىڭ مۇدىرى ۋە مەلىكەتلىك كىشىلىك ھوقۇق مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى چەمس ھافىز ئەپەندى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىملارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە مۇھىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مۇنبىرى يىغىنىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم جازا لاگىرلىرى توغرۇلۇق دوكلات تەقدىم قىلماقتا.

ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مۇنبىرى يىغىنىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم جازا لاگىرلىرى توغرۇلۇق دوكلات تەقدىم قىلماقتا.

ياۋروپادىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە خانىم-قىزلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن گوللاندىيەنىڭ دەنھاك شەھىرىدە مەخسۇس كۇرس ئۇيۇشتۇرۇلدى

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكانىڭ گوللاندىيەدىكى ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ياۋروپادىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە خانىم-قىزلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرغان. 3-ئاينىڭ 11-كۈنى گوللاندىيەنىڭ دەنھاك شەھىرىدە رەسمىي مۇراسىم بىلەن باشلانغان بۇ كۇرس 3 كۈن داۋاملىشىپ، 3-ئاينىڭ 13-كۈنى، يەنى يەكشەنبە كۈنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان.

روشەن ئابباس: «ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان خىتايغا سۈكۈت قىلغان مۇسۇلمان رەھبەرلەرنىڭ ‹مۇسۇلمانلىقى› دىن گۇمانلىنىمەن»

9-مارت كۈنى ئاتلانتىك كېڭىشى «يېڭى ئېرا رەھبەرلىك پروگراممىسى» (The Atlantic Council’s Millennium Leadership Program) بىلەن مۇسۇلمان ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ساھە ھالقىغان رەھبەرلەرنىڭ دۇنياۋى تورى بولغان «كونكوردىيە مۇنبىرى» ( The Concordia Forum) بىرلىكتە «ئامېرىكانىڭ كېيىنكى ئون يىللىق سىياسىتىدىكى خىرىسلارغا نەزەر» دېگەن تېمىدا

11-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئىككى مۇھىم پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن

11-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئىككى مۇھىم پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن. بۇلاردىن بىرى، ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندى، «ئىلھام توختىنى قوللاش» گۇرۇپپىسى مەسئۇلى ئەنۋەر جان ئەپەندىلەر، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى نوبېل

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى سلوۋاكىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» رەئىسى رۇشەن ئابباس ۋە «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس شەرقىي ياۋروپادىكى سلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتىدە بىرقاتار ئۇچرىشىشلار ۋە پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان. ئۇلار بۇ جايدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە پائالىيەتچىلەر بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇلارنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە گوللاندىيەدىكى

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى كىرودىيە ۋە چېخىيەدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئىككىيلەن كىرودىيەنىڭ پايتەختى زاگرېپ شەھىرى بىلەن چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگا شەھىرىدە بىر قاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان. 2-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە كىرودىيەنىڭ پايتەختى زاگرېپ شەھىرىدە ئارقا-ئارقىدىن پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر

Recent Posts