مەتبۇئاتلاردا بىز

كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلدى

ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق نۆۋەتتە خەلقئارادا بارغانسېرى كۆپ ساھەنىڭ ئەيىبلىشى ۋە تەنقىدىگە ئۇچراش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىق ۋە قوللاش چۇقانلىرىمۇ بارغانسېرى زور سالماققا ئىگە بولۇشقا باشلىدى. ئامېرىكادىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكەن ھەپتە چاقىرىلغان

«بەخت باغچىسى» دىكى ئۇيغۇر بالىلىرى نېمە ئۈچۈن يىغلايدۇ؟

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قامىغان بىر ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلىرى تۇتقۇن قىلىنغانلىقتىن يېتىم قالغان بالىلارنىمۇ «پەرىشتىلەر باغچىسى»، «ياتاقلىق مەكتەپ» دېگەندەك بالىلار لاگېرلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ۋە ئۇلارغا مېڭە يۇيۇش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى سىر ئەمەس. دوكتۇر ئادرىيان زېنىز قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېقىندا

روشەن ئابباس: «دۇنيا جامائەتچىلىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن كەسكىن تەدبىر قوللىنىشى كېرەك!»

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم ئامېرىكا جورجى توۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «خەلقئارا مەسىلىلەر» ژورنىلىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە بۇ قىرغىنچىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا قاراتقان سىياسەتلىرى ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن. ئۇنىڭدا

«ئەسىر مىللەتلەر ھەپتىلىكى» مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلىدى

دېموكراتىيە ۋە ئىنسانىي باراۋەرلىك تېمىسى يىللاردىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدىكى ئورتاق شوئارلاردىن بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتىكى دەپسەندىچىلىك يەنىلا ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. 1959-يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئايسېنخوۋېر تۇنجى قېتىم «ئەسىر مىللەتلەر خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلغاندىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھەرقايسى

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» 2021-يىللىق «دېموكراتىيە جاسارىتىگە ئېھتىرام» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

يىللاردىن بۇيان دېموكراتىيە غايىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئارزۇلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما بۇنىڭغا توسقۇن بولغۇچى كۆپلىگەن ئامىللارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەمدە قىسمەن جايلاردا دېموكراتىيەنىڭ ئورنىنى دىكتاتورىلىقنىڭ ئىگىلىشى ئ‍ىزچىل دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققەت-نەزىرىدە بولۇپ كەلگەن ھادىسىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

مۇستافا دەستىچى: «بىز شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قوللايمىز ۋە ھەمكارلىشىمىز»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ھۆكۈمەتنى قوللاۋاتقان ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن «بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى» نىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش تەپتىشى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندىلەرنى

بلىنكېن ۋە رۇبىيو خىتاي تۈرمىسىدىكى دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇنىڭغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن ۋە كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان تۋىتتېر ئۇچۇرىدا، ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئانتونىي بلىنكېن 12-ئىيۇندىكى تۋىتتېر ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى:

«شىنجاڭدىكى ۋەھشىيلىكلەر: بىز ئەمدى نېمە قىلىمىز؟» دېگەن تېمىدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن

10-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى «شىنجاڭدىكى ۋەھشىيلىكلەر: بىز ئەمدى نېمە قىلىمىز؟» دېگەن تېمىدا مۇھىم ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچقان. يىغىنغا كېڭەش پالاتا ئەزاسى تىم كەين ۋە ئدۋارد ماركېي رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، تىم كەين ئېچىلىش سۆزىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» «ئانىلار بايرىمى» دا خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرىدى

ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» «ئانىلار بايرىمى» كۈنى ئېلان قىلغان تەبرىكنامىسىدە پۈتۈن دۇنيا «ئانىلار بايرىمى» نى قۇتلاۋاتقان پەيتلەردە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر بايرامنى تەبرىكلەشتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرىدى. ئۇلار باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە، شەرقىي

«مىسلىسىز زۇلۇمغا ئادالەت ئىزدەش: ئېزىلگەنلەر قوللانمىسى» نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيانىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئوخشىمىغان جايلاردا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشىمۇ ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىدە بولۇۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ قالماقتا. ئەمما زالىم ھۆكۈمەتلەرنىڭ باستۇرۇش قىلمىشلىرى بارغانسېرى يۇقىرى سەۋىيە ئېلىشقا يۈزلىنىۋاتقان بولسىمۇ، باستۇرۇلۇۋاتقان مەزلۇم خەلقنىڭ بۇنىڭغا

Recent Posts