11-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئىككى مۇھىم پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن

11-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئىككى مۇھىم پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن. بۇلاردىن بىرى، ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندى، «ئىلھام توختىنى قوللاش» گۇرۇپپىسى مەسئۇلى ئەنۋەر جان ئەپەندىلەر، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. پائالىيەتكە مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىمغا گۈل تەقدىم قىلىپ تەبرىكلىگەن. بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىدىن بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلىدۇق. ئۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئەزا ئىككى تەشكىلات بىلەن كىشىلىك ھوقۇق جەڭچىسى ئىلھام توختىنىڭ 2022-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلىشىنىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھەققانىي بىر دەۋا ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن قاتتىق سۆيگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، بۇ مەقسەت بىلەن بۈگۈن بۇلارنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

روشەن ئابباس خانىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگادىكى پائالىيەتلىرىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ميۇنخېنغا كەلگەنىدۇق. بۇ يەردە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندى ۋە ئەنۋەر جان ئەپەندىلەر ئۆز تەشكىلاتلىرى ۋە ميۇنخېن جامائىتىگە ۋاكالىتەن بىزنىڭ ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. بۇنىڭدىن ناھايىتى ھاياجانلاندۇق. بىز بۇ شەرەپنىڭ پەقەت بىزنىڭ ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىغىلا ئەمەس، بىزنى قوللاۋاتقان بارلىق تەشكىلاتلارغا، ئۇيغۇر جامائىتىگە ئائىت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىمەكچىمىز. نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشىمىزنىڭ نەتىجىسى نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بۇ تارىخىي بىر ھادىسىدۇر. بۇ بىزنىڭ تېخىمۇ ئىپتىخارلىنىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە تۈرتكە بولىدۇ دەپ ئويلايمەن».

«ئىلھام توختىنى قوللاش» گۇرۇپپىسى مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندى «كىشىلىك ھوقۇق جەڭچىسى» ئىلھام توختى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭمۇ نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشىنىڭ خىتايغا ئۇرۇلغان كۈچلۈك شاپىلاق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۈگۈن يەنى 11-فېۋرال كۈنى ميۇنخېندا «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» بىلەن گېرمانىيە باۋەرىيە ئاخبارات مەركىزى بىرلىكتە مەتبۇئات يىغىنى ئۆتكۈزگەن. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا باۋەرىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن رەئىسى ماركۇس رىندەرسپاچەر، تونۇلغان يازغۇچى رالف بائۇئەر ئەپەندى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېرغا قامالغان زۇلپىيە قاسىم ۋە ئەسقەرجان ئەپەندىلەر تەكلىپ بويىچە قاتنىشىپ سۆز قىلغان. ئۇلار، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا زەربە بەرگەنلىكىنى، ئۇيغۇر قاتارلىقلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلىقنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە شېرىك بولغانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەسقەرجان ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ئەسقەرجان ئەپەندى، مەزكۇر يىغىندا باۋارىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن رەئىسى ماركۇس رىندەرسپاچەر ئەپەندىنىڭمۇ ھازىر گېرمانىيەدە ھاكىمىيەتنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگەن زۇلپىيە قاسىم خانىم يىغىندىن ئالغان تەسىراتىنى بايان قىلدى.

11-فېۋرال كۈنى ياۋروپادا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەركىزىي ئىشخانىسى جايلاشقان گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئىككى تەشكىلاتنىڭ 2022-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەنلىكىدىن شاتلىنىپ تەبرىكلەشكەن.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.