«ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ياۋروپادىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرىدا قويۇلماقتا

گېرمانىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان لايىپزىگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمىدىن كېيىن روشەن ئابباس خانىم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2021-يىلى 26-ئۆكتەبىر.

ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى پاجىئەلىك ھاياتى «ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئارقىلىق ياۋروپا دېپلوماتلىرىغا تونۇشتۇرۇلماقتا.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ قوللىشى بىلەن «ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم 14-ئۆكتەبىردىن ئېتىبارەن ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرىدا قويۇلۇشقا باشلىغان ئىدى. 26-ئۆكتەبىر بۇ فىلىمنىڭ قويۇلۇش مۇراسىم گېرمانىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان لايىپزىگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىمغا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ لايىپزىگدىكى دېپلوماتلىرى ھەمدە گېرمانىيەدىكى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئۇيغۇرشۇناسلار، مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار قاتناشقان.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئامېرىكانىڭ ميۇنخېندىكى باش كونسۇلى تىم لىستون ئەپەندى بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2021-يىلى 26-ئۆكتەبىر.

ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرى تەرىپىدىن «ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغان مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇۋاتقان د ئۇ ق نىڭ باش تەپتىشى، «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى مەزكۇر فىلىمدىكى ئاساسلىق پىرسۇناژلاردىن ئىدى.

رۇشەن ئابباس خانىم بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، 26-ئۆكتەبىر لايىپزىگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمنىڭمۇ ناھايىتى تەسىرلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

رۇشەن ئابباس خانىم لايىپزىگدىكى مۇراسىمدا نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغاندا، «شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقىنى يالغۇز كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىلا ئەمەس، بەلكى بۇ بۈيۈك بىر ئىنسانىي كىرىزىس، بىر مىللەتنىڭ يەر يۈزىدىن يوقىلىش تىراگېدىيەسى، 21-ئەسىرنىڭ يۈز قارىسى» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان ۋە كىشىلەردىن ئىنسانلىق سۈپىتى بىلەن، سۈكۈت قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ جىنايەرلىرىگە شېرىك بولماسلىقنى، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ھەقىقەت ئۈچۈن سۆزلىشىنى تەلەپ قىلغان.

28-ئۆكتەبىر كۈنى «ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمى يەنە فىنلاندىيە پايتەختى خېلسىنكى شەھىرىدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. رۇشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا ھازىرغا قەدەر سۈكۈت بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقان فىنلادىيە دېپلوماتلىرىغا ئاز-تولا تەسىر كۆرسىتىش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ھەمدە بۇ قېتىمقى 2 ھەپتىلىك ياۋروپا سەپىرىنىڭ يالغۇز فىلىمنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىشلا ئەمەس، بەلكى غەرب دېپلوماتلىرىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قوزغىتىشنى مەقسەد قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ فىلىمنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمىغا ئىككى قېتىم قاتناشقان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، مەزكۇر فىلىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى رۇشەن يورۇتۇپ بەرگەن تەسىرلىك بىر فىلىم بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«ھەدەم نەدە؟» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنى قۇتۇلدۇرۇش تېرىشچانلىقى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا تونۇتۇش يولىدا ئېلىپ بارغان كۆرەشلىرى باش تېما قىلغان بولسىمۇ، فىلىمدا يەنە كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر، تەتقىقاتچىلار، مۇخبىرلار، دېپلوماتلار ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى خىتاينىڭ تۈرمىسىدە ياكى لاگېرلاردا بولغان چەت ئەلدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر دەۋاگەرلىرىنىڭ پىكىرلىرىگە، يۈرەك سۆزلىرىگە كەڭ ئورۇن بەرگەن ئىدى. ئامېرىكانىڭ ياۋروپادىكى ئەلچىخانىلىرى بۇ فىلىمنىڭ رېئال قىممىتىگە بىنائەن، فىلىم دۇنيا خەلقىگە ئاشكارا قىلىنىشتىن ئىلگىرىكى، ئۇنىڭ دەسلەپكى قويۇلۇش ھەققىنى سېتىۋالغان ۋە غەرب دېپلوماتلىرىغا، ئاكتىپ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەقىقىي رېئاللىقنى بىر قەدەم بولسىمۇ بالدۇر بىلدۈرۈشنى لايىق كۆرگەن. خىتاينىڭ دەھشەتلىك زۇلۇملىرىغا، ئىنسانىي دەپسەندىچىلىكلىرىگە، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» لىرىغا دائىر پاكىتلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن 75 مىنۇتلۇق بۇ فىلىم، ئاخىرىقى تۈزىتىشلەردىن كېيىن ئاندىن ئاشكارا قويۇلىدىكەن.

مەزكۇر فىلىمنىڭ رېژىسسورى جاۋىد مىر ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىكى، دۇنيا جامائىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ بالايى-ئاپەتلەرگە سەل قارىشى، دۇنيانىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تەخىرسىز ھالدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈش زۆرۈرىيىتىنىڭ بۇ فىلىمنى ئىشلەشكە تۈرتكە بولغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىپ: «بۇ فىلىمنى كۆرگەن ھەممە ئادەم پىكىر قىلسۇن، يەكۈننى خەلقئارا جەمئىيەت ئۆزى چىقارسۇن!» دېدى.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.