«يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىقى مۇزېيى» دىكى مۇھاكىمە: «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىستېمىلىق زىيانكەشلىك»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىگە ئامېرىكانىڭ ئۆزىدىن ياكى چەتئەللەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى زىيارەت قىلىپ ئۆتىدىغان ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ بىرى «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ مۇزېيخانا بۇنىڭدىن 70 يىللار ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىنسانىىيەت تارىخىدىكى بىر قېتىملىق تارىخىي قىرغىنچىلىقنىڭ باشلىنىشى، يۇقۇرى پەللىگە چىقىشى ھەمدە ئاخىرقى ھېسابتا مىليونلىغان يەھۇدىينىڭ قىرىلىپ تۈگىشى بىلەن خۇلاسىلىنىشىدەك ئاچچىق تىراگېدىيەنى كىشىلەرنىڭ يادىغا سالىدۇ.

ئۇيغۇرل دىيارىنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق ساقچى دۆلىتىگە ئايلىنىش بىلەن بىرگە تەدرىجى ھالدا يەنە بىر قېتىملىق زور قىرغىنچىلىقنىڭ ھىدلىرى كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا تۈرلۈك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا 5-مارت كۈنى كەچقۇرۇن ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى»دا ئۇيغۇرلارغا بېغىشلانغان بىر قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.

مەزكۇر مۇزېي قارمىقىدىكى «سايمون-سىكيود قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى» نىڭ مۇدىرى نېياۋمى كىكولېر خانىم ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئومۇمى چۈشەنچە بەردى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئاللىقاچان لاگېرلارغا سولاپ بولغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بۇ تۇتقۇن ھەركىتىنىڭ يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە يول ئېچىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا قىلمىشنى ئاقلاپ ئۆزلىرىنىڭ تېرورلۇققا ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرىۋاتقانلىقىنى پەش قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ: «بىز بۇ مۇزېيخانىدا يەھۇدىيلارنىڭ ناتسىستلار دەۋرىدە قانداق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ كەلگەن ئىدۇق. ئەمدى بۇ خىلدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ يەنە بىر قېتىم تەكرارلىنىىشىغا قانداق مۇئامىلەدە بولۇشنىڭ ۋاقتى كەلدى،» دېدى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شۇلاردىن ئالدى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ ھازىر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ھەقىقەتنى سۆزلەشنىڭ ۋە ئۇنىڭغا قارىتا تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. بولۇپمۇ 2018-يىلىدىكى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى يىغىنىدىن بۇيان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان، يەنە كېلىپ دىنىي ئېتىقاد ساھەسىنى مەركەز قىلغان، دىنغا قارشى ئۇرۇش تۈسىنى ئالغان، شۇنىڭدەك سىستېمىلىق ۋە  كەڭ مىقياسلىق بولغان ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشى ھەققىدە  كۆپلىگەن پاكىتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى، شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە سودا مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ خىل زىيانكەشلىككە ئىشتىراك قىلغان 28 ئىدارىنى قارا تىزىملىككە ئالغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ: «بىز سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ ئەنە شۇ خىل زىيانكەشلىكنى دادىللىق بىلەن پاش قىلغان جۈرئىتى ئۈچۈن ئۇنىڭغا خەلقئارا مۇكاپاتنى بەردۇق. ئەمدى بۇ ھالنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ۋاقتى كەلدى. بۇنىڭ داۋام قىلىشىغا ئەمدى يول قويالمايمىز» دېدى.

شۇ قاتاردا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جىم مەكگوۋېرىنمۇ سۆز ئالدى. ئۇ يىغىندىكىلەرگە ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقىنى، مانا مۇشۇنداق زۇلۇم ھەممىگە ئاشكارا بولۇۋاتقان ھەمدە بۇنىڭ ھۆججەتلىرىمۇ مەلۇم بولۇۋاتقان ئەھۋالدا تاشقى دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ «بۇ ئىشلاردىن خەۋىرىمىز يوقكەن» دەپ مۇغەمبەرلىك قىلىشىغا ھېچقانداق باھانە يوق ئىكەنلىكىنى، بولمىسا بۇ خىل سۈكۈتنىڭ تېخىمۇ ئېغىر پاجىئەلەرگە يول ئاچىدىغانلىقىنى تونۇشتۇردى. شۇنىڭدەك ھازىر ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام دىنىغا دائىر ھەرقانداق مەشغۇلات، جۈملىدىن ئىسلامىي كىيىم-كېچەك، ئىسلامىي ئىسىم، يېمەك-ئىچمەك ئادىتى دېگەنلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگىرغا قاماشقا باھانە بولۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ «بىز خەلقئارادا بۇ خىل باستۇرۇشقا قارشى شۇنچە كۆپ ئەھدىنامىلەر ۋە قانۇنلار مەۋجۇت تۇرۇقلۇق يەنە نېمىلەرنى قىلالىشىمىز مۇمكىن؟  ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ خىل جىنايەتلەرنى چەكلەش ئۈچۈن بىز دۆلەت مەجلىسىگە ‹ئۇيغۇرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى› نى تونۇشتۇرماقچىمىز!  بىرلەشسەك بىز چوقۇم ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايمىز» دېگەندە زالدا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى كۆتۈرۈلدى.

يىغىننىڭ ئىككىنچى باسقۇچى مۇھاكىمە بولۇپ، بۇنىڭدا نېياۋمى خانىم بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغۇچىلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ چىققاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئالىم سېيتوف يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھەمدە ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمىي تۈركىي خەلقلەردىن بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشتە ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتى ۋە شەۋكەتلىك ئىمپېېرىيىلىرىنى قۇرۇپ چىققان بىر خەلق ئىكەنلىكى، مانجۇلارنىڭ چىڭ ئىمپېرىيىسى بۇ جاينى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىنمۇ 20-ئەسىردە ئىككى قېتىم «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نى قۇرغانلىقى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىنىڭ ھازىر لاگېر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك شەكلىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى، چەتئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ھالنى «ئېتنىك قىرغىنچىلىق ۋە ئېتنىك تازىلاش» دەپ ئاتاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

يىغىننىڭ ئەزىز مېھمانلىرىدىن «خىتاي ھۆججەتلىرى» تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى جېسسىكا بېتك ئۆزىنىڭ شاھىدلار ۋە تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىدىن توپلىغان ئۇچۇرلىرى ئاساسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا نۇقتىلىق قىلىپ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاستىلىرىنىڭ ياردىمىدە لاگېر سىرتىدىكى  ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ئەھۋال تونۇشتۇردى. بولۇپمۇ ھازىر ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىگە چېتىشلىق مەزمۇنلارنىڭ مۇھىم تەكشۈرۈش ئوبېكتى بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا چېتىلىپ ھازىر نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ لاگىرغا قامىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە كۆپ قاتلاملىق ئەمگەكلەرنى ۋۇجۇتقا چىقارغان گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس، ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ خادىمى ئادريان زېنزمۇ  يىغىن ئەھلىگە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن «ئىشەنچلىك» بولمىغان  ھەمدە چەتئەللەر بىلەن ئالاقىسى بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىردەك «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان لاگېرلارغا بارىدىغانلىقى، بۇ جايلارنىڭ زادى قانداق جاي ئىكەنلىكى، ئۇ جايلاردا قانداق «ئوقۇتۇش ۋە تەربىيەلەش» ئۇسۇللىرىنىڭ بارلىقى، قىيناق، باسقۇنچىلىق ۋە نومۇسىغا تېگىشتەك ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر بولغان ھادىسىلەرنىڭ لاگىرلاردىكى دائىملىق ئىشلار ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. شۇنداقلا مىليونلىغان كىشىنىڭ لاگېرلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ھالەتتىمۇ ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدى تىرىك ھالدا ئۆيلىرىگە قايتسىمۇ، ئۇلارنىڭ روھىي جەھەتتىن پۈتۈنلەي خاراب بولىدىغانلىقىنى، قاباھەت ۋە قورقۇنچقا تولغان بۇ خاتىرىلەرنىڭ ئۇ كىشىلەرنى بىر ئۆمۈر قىيناشقا يېتىپ ئاشىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەركىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئسى روشەن ئابباسمۇ يىغىندا سۆز قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشىلىرى ھەمدە ھەدىسى، ئۇزۇن يىللىق دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ لاگىرغا ئېلىپ كېتىلىشىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۆزىنىڭ مۇشۇ مۇزېيخانىدىكى سۈرەتلەرنى كۆرگەندە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا نەقەدەر ئوخشايدىغانلىقى، ناتسىستلارنىڭ بولسا خىتاي كومپارتىيەسىگە نەقەدەر ئوخشايدىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، نەچچە مىليون ئۇيغۇر لاگىرغا قامالغاندا ئۇلارنىڭ ئۆيدە قالغان ئىگە-چاقىسىز پەرزەنتلىرىنىڭ قانداق سەرسانلىققا دۇچ كېلىدىغانلىقى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللى بولغان تۇغقانلىرىغا تېلېفون قىلىشتەك ھەقلىرىنىڭمۇ يوقلۇقى، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى بولغان دولقۇن ئەيسانىڭمۇ ھەتتا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدەك زور ۋەقەدىنمۇ خەۋەرسىز قېلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى، خۇددى ئەينى ۋاقىتتا ناتسىستلار گېرمانىيەسى ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپلا ئارقىدىن قىرغىنچىلىقنى باشلىغاندەك ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە چاڭگال سېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل ئوخشاشلىق ئالدىدا دۇنيانىڭ جەزمەن بۇ خىلدىكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت»لەرگە قارشى ئەمەلىي تەدبىر ئېلىشى لازىملىقىنى كۆرسەتتى.

يىغىندىن كېيىنكى سوئال-جاۋاب باسقۇچىدا لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ سانى مەسىلىسى، قارىقاش ھۆججەتلىرىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى رېئاللىقنى قايسى دەرىجىدە ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقى، لاگېردىن چىققان كىشىلەرنىڭ بولسا روھىي جەھەتتىن يەنچىلگەن ھالدا سۈكۈتتىن باشقىغا ئىلاجى قالمىغان ھالدا ئىكەنلىكى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا قاماش ئىشىغا قانداق پىكىردە ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ئەۋرىشكىسىنى توپلاش بىلەن كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى باستۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىق تېمىلار بويىچە كۆپلىگەن سوئاللار سورالدى. مۇتەخەسسىلەرمۇ ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن جاۋاب بەردى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىيە يىغىنىڭ «يەھۇدىي  قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيخانىسى» ئېچىلىشىنىڭ ئۆزى  يىغىن ئەھلىگە مەسىلىنىڭ بىر تەرىپىنى يورۇتۇپ بەرگەن بولسا، ھەممىلا ساھەدىكىلەرنىڭ «ئۆتمۈشتىكى پاجىئە قايتا يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دېگەن ئورتاق قارىشى كىشىلەرگە يېڭى ئۈمىدنىڭ شولىسىنى كۆرسەتكەندەك بولدى.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.