مۇستافا دەستىچى: «بىز شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قوللايمىز ۋە ھەمكارلىشىمىز»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ھۆكۈمەتنى قوللاۋاتقان ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن «بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى» نىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش تەپتىشى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندىلەرنى ئەنقەرەدىكى پارتىيە مەركىزىدە قوبۇل قىلدى. مەزكۇر پارتىيەنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىمۇ قاتناشقان بۇ ئۇچرىشىشتا مۇستافا دەستىچى ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ پارتىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن ئىتتىپاقداش پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ بېرىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ بەك كۈچەيتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

26-ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئۇچرىشىشتا مۇستافا دەستىچى ئەپەندى ئالدى بىلەن پارتىيەسىنىڭ بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تېخىمۇ كۆپ قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ۋەتەندۇر. ئەپسۇسكى تېخىگىچە خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا. خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى بۈگۈنكى كۈندە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلاندى. بىز ھەر دائىم تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن دەرھال چىقىپ كېتىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز. ھەمدە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتىمىز. بۇندىن كېيىن تېخىمۇ بەك قوللايمىز».

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى 1992-يىلى قۇرۇلغان كۈنىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كەلمەكتە. پارتىيە رەھبىرى مۇستافا دەستىچى دائىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ ھەم بىرقانچە قېتىم ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئاممىۋى پائالىيەتلىرىنىمۇ ئۇيۇشتۇرغانىدى.

مۇستافا دەستىچى ئەپەندى، ئامېرىكا قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللىشىنىڭ زور ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى، پارتىيەسىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئەڭ مۇھىم بولغىنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارالاشقانلىقىدۇر. ئامېرىكا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىشى ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى بۇلار شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى زور ئىلگىرىلەش. بىز ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللايمىز ۋە قوللاشنى داۋام قىلىمىز. قەيەردە بىر شەرقىي تۈركىستانلىق بولسا بىز ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىۋاتىمىز، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ، بىز بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز ھەر دائىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قوللايمىز ۋە ھەمكارلىشىمىز».

ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش تەپتىشى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى سۆز قىلىپ، د ئۇ ق ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى نامىدىن بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «سىز ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاپ كەلگەنلىكىڭىز ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقىلى كەلدۇق، بىزنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت. بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولۇۋاتىمىز. بىز بۇ زۇلۇمنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشتا زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولۇۋاتىمىز. چۈنكى، خىتاي 21-ئەسىردە شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتىدۇ. بۇنداق بىر پەيتتە، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئېھتىياجىمىز بار. بىزنى تېخىمۇ كۆپ قوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن».

سۆھبەت ئاخىرىدا ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى بىلەن روشەن ئابباس خانىم تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھاۋالە قىلغان تەلەپلىرىنى مۇستافا دەستىچىگە يەتكۈزدى. مۇستافا دەستىچى ئەپەندى بۇ تەلەپلەرنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدىكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستافا دەستىچىگە د ئۇ ق نىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىدىكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەنلىكى ۋە د ئۇ ق بىلەن تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بىلەن د ئۇ ق باش تەپتىشى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى 21-ئىيۇندىن 27-ئىيۇن كۈنىگىچە ئەنقەرەدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىدە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەرگەندىن سىرت، ئىيى پارتىيەسى رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم، كېلەچەك پارتىيەسى رەئىسى ئەخمەد داۋۇتئوغلۇ قاتارلىقلار بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى تەرەققىياتى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن.

ئىيى پارتىيەسى رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم ئۇلارغا «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ پارتىيەسىنىڭ ئۆز دەۋاسى ئىكەنلىكى» نى تەكىتلىگەن.

كېلەچەك پارتىيەسى رەئىسى ئەخمەد داۋۇتئوغلۇ پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاۋاتقانلىقىنى بۇندىن كېيىنمۇ قوللايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن

ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى ئەپەندى قوبۇل قىلغان سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرىگە «قىزىل قىيامەت» ناملىق ئۆزى يازغان كىتابىنى تەقدىم قىلدى.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.