روشەن ئابباس: «ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان خىتايغا سۈكۈت قىلغان مۇسۇلمان رەھبەرلەرنىڭ ‹مۇسۇلمانلىقى› دىن گۇمانلىنىمەن»

9-مارت كۈنى ئاتلانتىك كېڭىشى «يېڭى ئېرا رەھبەرلىك پروگراممىسى» (The Atlantic Council’s Millennium Leadership Program) بىلەن مۇسۇلمان ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ساھە ھالقىغان رەھبەرلەرنىڭ دۇنياۋى تورى بولغان «كونكوردىيە مۇنبىرى» ( The Concordia Forum) بىرلىكتە «ئامېرىكانىڭ كېيىنكى ئون يىللىق سىياسىتىدىكى خىرىسلارغا نەزەر» دېگەن تېمىدا بىر سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

مەزكۇر سۆھبەت يىغىنىغا دۆلەت ئەمەلدارلىرى، ئىلمىي خادىملار، پۇقراۋى جەمئىيەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى (Organization of Islamic Cooperation) غا ئەزا 57 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشقان. بىر كۈنلۈك بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاساسلىق تىمىسى تور تەكشۈرۈشى؛ دىنىي، ئىرقى ۋە مىللىتى تۈپەيلىدىن ئۆچمەنلىك قىلىش ۋە پىكىر ئەركىنلىكى دۇچ كەلگەن خىرىسلار ھەققىدە بولغان. يىغىندا يەنە ئۇيغۇر ۋە روھىنگا مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان.

مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندى ئۆتكەن يىلى 20-دېكابىر كۈنى تەيىنلىگەن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى «پۇقرالار بىخەتەرلىكى، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق» كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇزرا زىيا خانىم تور ئارقىلىق قاتناشقان. ئۇ ئامېرىكانىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدا ئاساسلىقى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى ئېنىق. بىز ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بىز ئاشۇ ئوخشاش روھ بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ۋە باشقا ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم قىلىشتا ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك.»

ئۇزرا زىيا خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارنى لاگېرلارغا سولىغانلىقىنى، ئۇلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خورلاۋاتقانلىقىنى بىر-بىرلەپ تىلغا ئالغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە مۇنداق خىتاب قىلغان: «ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنى داۋاملىق ئاشۇ خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە، ئۇلارنىڭ رەھىمسىز، ۋەھشىي سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرىدۇ. بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتلىرىنى سۈرۈشتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئامېرىكا بارلىق دۆلەتلەردىن خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ ئاشۇ دۆلەتلەردە پاناھلىنىۋاتقان كىشىلەرنى خىتايغا قايتۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ روھىنگالىقلارنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز. بىز ئوخشاش بىر شەكىلدە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان باستۇرۇشقا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈنمۇ يېقىندىن ھەمكارلىشىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمىز.»

مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكى سەۋەبىدىن خىتاي تەرىپىدىن ئۇچراۋاتقان زۇلۇمىغا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئاساسەن سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئىسلامغا ئۇرۇش ئېچىۋاتىدۇ، ئىنسانىيەتكە ئۇرۇش ئېچىۋاتىدۇ، ئاياللارغا-بالىلارغا ئۇرۇش ئېچىۋاتىدۇ. ئۇ يەردە خەتەردە تۇرۇۋاتقىنى ئىسلامدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى چېقىۋاتقان مەسچىتلەر پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئاللاھنىڭ ئۆيىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى كۆيدۈرۈۋاتقان قۇرئانلار پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈنلا بېسىلغان كىتابلار ئەمەس ئىدى. ئەگەر ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، خىتاي ئىسلامغا ئۇرۇش ئېچىۋاتسا ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرسا، مەن ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىقىدىن گۇمانلىنىمەن. ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاياللىرى مەجبۇرىي تۇغماس قىلدۇرۇلماقتا، ئۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن توي قىلىشقا مەجۇرلىماقتا. ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ بەدىنى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇلماقتا. مەن بۇ يەردە لاگېرغا تۇتۇپ كېتىلگەن ھەدەمنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماستىن بۇ يەردە سىلەرگە بۇ مەسىلىلەرنى ئاڭلىتىۋاتىمەن. ھېچنەرسە مېنى توسۇپ قالالمايدۇ. مەن پۈتۈن دۇنياغا، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى قېرىنداشلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرىمەن. چۈنكى پۈتۈن دۇنيادا بىر يېرىم مىلياردتىن ئارتۇق مۇسۇلمان بار، ئۇلار خىتاينىڭ جىنايىتىنى سۈرۈشتە قىلىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرۇشى كېرەك. ئۇلار پەقەت ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئىسلامنى، ئىنسانىيەتنى قوغداش ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرۇشى كېرەك. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى دۇنيانىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىي ئىمتىھانى بولۇۋاتىدۇ. كۆپ سانلىق دۆلەتلەر ۋە كىشىلەر بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيۋاتىدۇ.»

روشەن ئابباس خانىمنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئۇزۇنغىچە چاۋاك چىلىپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئاتلانتىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى رەيھان ئەسەت خانىممۇ مەزكۇر يىغىنغا توردىن قاتناشقان. ئۇ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىدە نېمىلەرنى قلىشى كېرەك؟» دېگەن سۇئالغا جاۋابەن مۇنداق دېگەن: «بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇيغۇر مەسىلىدە باشلامچىلىق رول ئوينىشى كېرەك. باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى بەك مۇھىم. بايدېن ھۆكۈمىتى ترامپ ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قوللانغان جازا تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. خىتاي ھەر بىر دۇنيا كرىزىسىدىن ناھايىتى ياخشى پايدىللىنىۋاتىدۇ. كۈنىمىزدىكى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىنمۇ پايدىللىنىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇردىن يىراق يۆتكەشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا خىتاي بىلەن كېلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىدە ئىتتىپاقلاشسىمۇ، ئەمما ئىرقى قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى چىقىشى كېرەك. كېلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىگە ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ قۇربان قىلىۋېتىلمەسلىكى كېرەك.»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.