خىتايدىكى پۇقراۋىي ئەركىنلىك ۋە ئۇيغۇر كرىزىسى

ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۆلەم ۋە سەۋىيە جەھەتتە مىسلىسىز دەرىجىگە يەتكەن بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە دىپلوماتىيە جەھەتلەردىكى تۈرلۈك «مۇداپىئە» تەدبىرلىرى تۈپەيلىدىن بۇنىڭ بىلىنىش دەرىجىسى ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى پاجىئەلىك تەرەققىياتىدىن كۆپ يىراق بولۇپ كەلمەكتە. ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى پۇقراۋىي ئەركىنلىك ۋە ئۇيغۇر كرىزىسى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى ئەنە شۇ خىل بوشلۇقنى تولدۇرۇشتىكى بىر مۇھىم قەدەم بولدى.

پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى «پېررىي دۇنيا سارىيى» ۋە «پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك تىلەش گۇرۇپپىسى» بىرلىكتە تەشكىللىگەن بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى 12-ئۆكتەبىر كۈنى كەچقۇرۇن چاقىرىلغان بولۇپ، تاجسىمان ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىرلەر تۈپەيلىدىن يىغىن زالىغا كىرىدىغانلارنىڭ سانى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىدىن تولۇق ۋاكسىنا ئۇرغانلار بىلەنلا چەكلەندى.

يىغىندا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بىر نۇقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى خەلقئارا سەھنىلەردە ئىزچىل «قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان قانۇن دۆلىتى» دەپ داۋراڭ سېلىۋاتقانلىقى، ئەمما ئۇلار داۋام قىلدۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھازىر ئاللىقاچان يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقىنىڭ سەۋىيەسىگە يېتىۋاتقانلىقى، ھالبۇكى شۇنچە كۆپ پاكىتلار تاغدەك دۆۋىلىنىپ تۇرغان ئەھۋالدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يەنىلا كۈچلۈك بىر قارشىلىق مېخانىزمىنى بەرپا قىلالمىغانلىقى بولدى.

يىغىندا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس نۇقتىلىق قىلىپ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان جىنسىي زىيانكەشلىك ھەققىدە مەلۇمات بەردى. روشەن ئابباسنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر قىرغىنچىلىقنىڭ بىرى ئۇيغۇر خوتۇن-قىزلىرىنىڭ بېشىغا كەلمەكتە. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى دەسلەپكى قەدەمدە ئەرلەرنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ بولغاندىن كېيىن ھىمايىسىز قالغان قىز-چوكانلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان. بۇنىڭدا ئۇلار ئىزچىل قوللانغان بىر تەدبىر ئىگە-چاقىسىز قالغان قىز-چوكانلارنى مەجبۇرىي تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسىگە يوللاشتىن باشقا يەنە يۇقىرى مائاش ۋە بىكارلىق ئۆي دېگەندەك ئېتىبار چارىلىرى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆچۈرۈپ كەلگەن خىتاي ئاققۇنلىرىغا ياتلىق بولۇشقا مەجبۇرلاش، بۇنى رەت قىلغانلارنى «ئاشقۇنلۇق» قا باغلاپ لاگېرغا قاماش بولغان. لاگېرغا قامالغان قىز-چوكانلار بولسا بۇ جايدا تۈرلۈك جىنسىي خورلۇققا ئۇچرىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى قوللانغان يەنە بىر چارە بولسا «تۇغقان بولۇش» نامىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق خىتاي كادىرنى ئەرلەر تۇتۇلۇپ كەتكەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ خىلدىكى بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ قىز-چوكانلىرىنى نىشانلىق يوقىتىش خىتاي دۆلىتى بىۋاسىتە ئارقا تىرەك بولۇۋاتقان نۆۋەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدىكەن. روشەن ئابباس مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسەتلىرى بويىچە بولغاندا قىز-چوكانلار مۇشۇ يوسۇندا خاراب بولسا، سەبىيلەر ئائىلىلىرىدىن جۇدا بولۇۋەرسە، ئەرلەر لاگېردا ئۆلۈپ تۈگىسە يەنە 20 يىلدا ئۇيغۇرمۇ تۈگەيدۇ. بۇ زامانىمىزدىكى ئەڭ يېڭى قىرغىنچىلىق. تارىختىكى قىرغىنچىلىقلارنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر سالساق شۇنى بايقايمىزكى، ئۇلارنىڭ ئون باسقۇچلۇق تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بۇنى ئىنكار قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. ھازىر خىتاي دۆلىتى مانا مۇشۇ ئىنكار قىلىش باسقۇچىدا» دەپ كۆرسەتتى. . «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىممۇ مۇشۇ ھەقتە ئالاھىدە توختىلىپ «بىز بۇ سىياسەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن نۇقتىلىق ھالدا مەلۇم جىنستىكى ئىنسانلارغا قارىتىلغانلىقىنى ئويلىنىپ كۆرۈشىمىز لازىم» دېدى.

جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتسمۇ بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. . ئۇ نۆۋەتتىكى رېئاللىق ھەققىدە سۆز بولغاندا نۇرغۇنلىغان ھۆكۈمەتلەرنىڭ يېڭى بىر مەيدان «سوغۇق ئۇرۇش» جېدىلىگە ئارىلىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن بۇ مەسىلىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك جازا تەدبىرلىرىدىن باشقا خۇسۇسىيلارنىڭ ئورتاق ھالدا قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلغۇچى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنى بايقۇت قىلىشنى بىر تۈرلۈك ئومۇمىي خەلق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ بەكمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. چۈنكى دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى چەكلەشتىكى رولى ھەل قىلغۇچ ئورۇندا بولۇپ، 1980-يىللاردىكى «ئايرىمىچىلىققا قارشى خەلق ھەرىكىتى» شەكلىدە بۇنى ئومۇمىي ئېقىمغا ئايلاندۇرۇش زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرىي تۈركەلمۇ بۇ جەھەتتە پروفېسسور شان روبېرتس ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپنىڭ زور قىممىتى بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. . نۇرى تۈركەلنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەققىدە بىرەر مۇكەممەل پىلانىنىڭ بارلىقى نامەلۇم ئىكەن. گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى قارارنى ئالغان بولسىمۇ، بۇ پەقەت ئاشۇ ماكاندا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بىر تەبىرنىڭ مۇقىملىشىشى بولۇپ، ھەرگىزمۇ بۇ قىرغىنچىلىققا قارشى تەدبىر ئەمەس ئىكەن. بۇ مەنىدىن ئالغاندا ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نى باش سەھنە قىلغان ھالدا بۇ قىرغىنچىلىققا قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىشى بەكمۇ مۇھىم ئىكەن. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا ئىستېمالچىلار ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاق سارايغا بېسىم قىلىش ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىق قىلمىشىنى چەكلەشتىكى بىر مۇھىم چارە ھېسابلىنىدىكەن. چۈنكى ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئۇچىسىدىكى «Costco» قاتارلىق ماگىزىنلاردىن سېتىۋالغان كىيىملەر، ئۇلارنىڭ پۇتلىرىدىكى ئاياغلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى ئىكەن. يەنە بىر ياقتىن نۆۋەتتە يۇقىرى غەرب دۇنياسىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكىسىمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ۋاسىتىلىك ھالدا خىزمەت قىلماقتا ئىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى خىتاي تەتبىقلاۋاتقان بۇ پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ھازىر ئاز دېگەندىمۇ 80 نەچچە دۆلەتتە ئىشقا كىرىشتۈرۈلمەكتە ئىكەن. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «مۇشۇنچىلىك رېئاللىقمۇ بىزنى ئويغىتالمىسا يەنە قانداق نەرسە بىزنى ئويغىتىشى مۇمكىن؟» دەپ سوئال قويدى. .

يىغىننىڭ ئاخىرىدا ھەر قايسى ساھەدىن كەلگەنلەر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئوخشىمىغان سوئاللارنى سورىدى. لېكسىيە ۋە سوئال-جاۋابلار پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە جانلىق بىر مەيدان دەرس بولدى.

روشەن ئابباس بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىسنىڭ ئەمەلىيەتتە كىشىلەر ئويلىغاندىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. .

روشەن ئابباسنىڭ قارىشىچە، غەرب دۇنياسىنىڭ قىرغىنچىلىق ھادىسىسىنى كۆپ قېتىملاپ «كۆرمىگەن» گە سېلىپ ۋاسىتىلىك ھالدا قوللىشىدا ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن باشقا سەۋەب يوق، دېيىشكە تامامەن بولىدىكەن. .

مەلۇم بولۇشىچە، 1740-يىلى قۇرۇلغان پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، كۆپلىگەن ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرى، سىياسىيونلىرى، كارخانىچىلىرى ۋە نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبلىرىنى، جۈملىدىن دونالد ترامپ، ئېلان ماسىك، نوئام چومسكى، ۋاررېن باففىت قاتارلىق زامانىمىزدىكى يۈزلىگەن مەشھۇر زاتلارنى تەربىيەلەپ چىققان ئالىي مەكتەپ ئىكەن.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.