«بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى رەت قىلىش» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 2022-يىلى قىشتا ساھىبخانىلىق قىلماقچى بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى چەكلەش ھەققىدىكى چۇقانلار ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كۆرۈلۈۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي پاجىئەلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ خۇلاسە چىقىرىشىدىن كېيىن تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باشقۇرۇش ھەيئىتى بولغان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 10-مارتتىن 12-مارتقىچە 137-قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش ۋە مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن «تىبەت تورى»، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، «ئەركىن تىبەت»، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» قاتارلىق ئون نەچچە تەشكىلات بىرلىكتە «2022-يىلى بېيجىڭدا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ» ناملىق بىرلەشمە قارشىلىق ھەرىكىتىنى باشلىدى. شۇنداقلا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مەزكۇر ئۈچ كۈنلۈك يىغىنى بىلەن ماس قەدەمدە «بېيجىڭدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە تىبەت قوزغىلىڭى»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇسابىقىسى» ۋە «2022-يىلى بېيجىڭدا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ» تېمىسىدىكى ئۈچ كۈنلۈك مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى. يىغىندا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار نىزامنامىلىرى ۋە ئولىمپىك روھىغا دائىر كۆپلىگەن خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەر قايتىدىن ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2022-يىلىدىكى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلىشنىڭ غايەت زور تارىخىي خاتالىق بولىدىغانلىقى ھەر تەرەپلىمە نۇقتىلاردىن شەرھىلەندى.

«2022-يىلى بېيجىڭدا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ» تېمىسىدىكى ئاخىرقى خۇلاسە يىغىنى 12-مارت كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دىن باشلاپ ئېچىلدى. يىغىننىڭ ئالدىنقى بۆلىكى مۇخبىرلار بىلەن يىغىندا سۆز قىلغۇچىلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا ئاجرىتىلغان بولۇپ، پۈتۈنلەي يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭدا ئوخشاش بولمىغان 20 نەچچە ئاخبارات ۋاسىتىسىنىڭ مۇخبىرلىرىغا خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق، قىرغىنچىلىق ۋە سىياسىي باستۇرۇش قىلمىشىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى ھەمدە مۇشۇنداق قاتمۇ-قات جىنايەت ۋە قىرغىنچىلىق قىلمىىشىغا جاۋابكار بولۇشقا تېگىشلىك بىر دۆلەتنى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىشقا تاللاشنىڭ بەكمۇ خاتا بىر قارار بولىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلدى. شۇنداقلا ھەرقايسى مۇخبىرلارنىڭ 2022-يىلىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئ‍ولىمپىك مۇسابىقىسى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلدى.

يىغىننىڭ چۈشتە باشلانغان ئىككىنچى بۆلىكى جامائەتكە ئاشكارا قىسمى بولۇپ، بۇنىڭدا ھەرقايسى ساھەنىڭ ۋەكىللىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشىگە بولماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن شەرھلەپ چىقتى. يىغىندا ئالدى بىلەن رىياسەتچى، «ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى پېما دوما سۆز ئالدى. ئۇ مۇشۇ مىنۇتلارنىڭ ئۆزىدىمۇ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە دائىر يىغىن ئېچىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرى ئېچىۋاتقان بۇ يىغىننىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى يىغىن ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ كېلىپ «بىز نۆۋەتتە تىبەت، خوڭكوڭ، شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق جايلاردا يۈز بېرىۋاتقان تارىخىي پاجىئەلەرنى ئەسلىتىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى سېپىمىزگە قوشۇلۇشقا، شۇنداقلا بېجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىمىز» دېدى.

يىغىندا «بىز خوڭكوڭلۇقلار» تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى فرانسىس خۇي ئالدى بىلەن سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئۆتكەن مەزگىللەردە يوشۇرۇن شەكىلدە سىياسىي باستۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولغان بولسا ھازىر پۈتۈن جاھان قاراپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا ھېچكىمدىن تەپتارتماي خوڭكوڭدا، ئۇيغۇر دىيارىدا ۋە تىبەتتە سىياسيي باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى، قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ ئەمدىلىكتە ھېچ ئۇيالماستىن ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى بولۇشى بەكمۇ بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدىلىكتە «ۋاكسىنا دىپلوماتىيەسى» ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم دۇنيا خەلقىنى ئالدىماقچى بولغانلىقىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسى باشلانغاندا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئارقىلىق دۇنيانى قانداق ئالداپ قانداق زور ۋەيرانچىلىققا سەۋەب بولغانلىقىنى، شۇڭا دۇنيانىڭ بۇ قاتمۇ-قات خاتالىقلاردىن ساۋاق ئېلىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان زۇمرەتئاي ئەركىنمۇ يىغىندا مەخسۇس سۆز قىلدى. ئۇ يىغىن ئ‍ەھلىگە ئۆز ئائىلىسىنىڭ قىسمىتى ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى سۆزلەپ ئۆتكەچ ھازىر شۇ قەدەر خورلۇق، زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋاسىتە ئارقىلىق ھەر ساھەنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى بىلەن بۇ توغرىلىق مەخسۇس سۆزلەشكەندە ئۇلارنىڭ يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن بۇ مەسىلىدىن ئۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

«ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى دورجې سېتېنمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2008-يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشتىن ئىلگىرى دۇنياغا كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە قانۇن دۆلىتى بولۇش ھەققىدە كۆپلىگەن ۋەدىلەرنى بەرگەنلىكىنى، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ بۇ ۋەدىسىگە قىلچە ئەمەل قىلماي دۇنيانى ئالدىغانلىقى ئاشكارا بولغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ 1936-يىلى بېرلىندا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىدەك تارىخنىڭ قايتا تەكرارلىنىشى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ كېلىپ «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ھەققانىيەتنى ھىمايە قىلىشى لازىم. ئىلگىرىكى خاتالىقنى قايتا تەكرارلاشقا بولمايدۇ. ئەمدى ئويغانمىسا ئۇلار قاچان ئويغىنىدۇ؟» دەپ سوئال قويدى. .

يىغىندا سۆز قىلغۇچىلاردىن خىتاي ئۆكتىچى ئادۋوكات تېڭ بياۋ، «تىبەت تورى» تەشكىلاتىنىڭ خادىمى گلورىيا قاتارلىقلارمۇ مۇشۇ خىلدىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى بايان قىلىش ئارقىلىق دۇنيانى ئالداۋاتقان، قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان خىتايدەك بىر دۆلەتنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇشنىڭ بەكمۇ زور تارىخىي خاتالىق بولىدىغانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتتى. بولۇپمۇ گلورىيا خانىمنىڭ «بېيجىڭدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەيدانىغا 91 مىڭ ئادەم سىغىدۇ. ھازىر ئاز دېگەندىمۇ ئىككى مىليون ئۇيغۇر، يەنى ئاشۇنداق 22 مەيدانغا لىق كەلگۈدەك ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامىلىپ بولدى. بىز مۇشۇنداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ يەنە نومۇس قىلماي ئ‍ولمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىگە قانداق يول قويالايمىز؟» دەپ سوئال قويدى.

يىغىننىڭ ئاخىرىدا خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ بۇ مۇسابىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قانداق ھەسسە قوشۇشى، مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىشتىكى ئۇسۇللار، ھۆكۈمەتلەرنىڭ رولى قاتارلىق تېمىلار بويىچە كۆپلىگەن سوئاللار سورالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ خاتىرىسى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا، شۇنىڭدەك ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرگە يوللاپ بېرىلىدىغان بولۇپ، خەلقئارادىكى «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش» چاقىرىقىغا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئاۋاز قوشۇشى ئۈمىد قىلىنماقتىكەن.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.