«ئەسىر مىللەتلەر ھەپتىلىكى» مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلىدى

دېموكراتىيە ۋە ئىنسانىي باراۋەرلىك تېمىسى يىللاردىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدىكى ئورتاق شوئارلاردىن بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتىكى دەپسەندىچىلىك يەنىلا ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. 1959-يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئايسېنخوۋېر تۇنجى قېتىم «ئەسىر مىللەتلەر خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلغاندىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى «ئەسىر» گە ئايلىنىپ قالغان ئىنسانلارنىڭ ئۆكتىچى سادالىرىنى باستۇرۇش، دېموكراتىيە ۋە باراۋەرلىكنى پايخان قىلىشنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە. بۇ يىلقى «ئەسىر مىللەتلەر ھەپتىلىكى» مەجلىسى ئېچىلىش ھارپىسىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئالاھىدە بايانات ئېلان قىلىپ بۇ مەسىلىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. پرېزىدېنت جوۋ بايدېن 16-ئىيۇل كۈنى ئاق ساراي تور بېتىدە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا مۇشۇ خىلدىكى دۆلەت ھاكىمىيەتلىرىنىڭ «ئەسىر» لىرىگە ئايلىنىپ قالغان خەلقلەرنىڭ ھەقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. شۇنداقلا «بىز شىنجاڭدا مىليونلارچە ئۇيغۇر ۋە باشقا دىنىي جامائەتنىڭ ناھەق ھالدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدۇق» دېدى. باياناتنىڭ ئاخىرىدا بولسا ئەنئەنە بويىچە 2021-يىلى ئىيۇل ئېيىنىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسى (18-ئىيۇلدىن 24-ئىيۇلغىچە) نىڭ ئاشۇ خىل «ئەسىر» ئىنسانلارغا بېغىشلانغان «ئەسىر مىللەتلەر ھەپتىلىكى» بولىدىغانلىقى جاكارلاندى.

باش شتابى ۋاشىنگتون شەھىرىگە جايلاشقان «كوممۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» ھەر يىلى بىر قېتىملىق مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بۇ جەھەتتە كۆرۈلۈۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن قاراپ چىقىدۇ. 2021-يىللىق «ئەسىر مىللەتلەر ھەپتىلىكى» مەجلىسىدە بولسا ئ‍ۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلىگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولدى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا «كوممۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ باش ئىجرائىيە دىرېكتورى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى ئاندىريۇۋ برېمبېرگ، مەزكۇر فوندنىڭ رەئىسى ئېدۋىن فيۇلنېر، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى «دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك كومىتېتى» نىڭ ياردەمچى سېكرېتارى لىسا پېتېرسون قاتارلىقلار مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇلار ھېلىھەم بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ كوممۇنىستىك تۈزۈمنىڭ ۋە دىكتاتورىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقى، يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئىزچىل كوممۇنىستىك تۈزۈمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان خەلقلەرنىڭ ھۆرلۈككە ئېرىشىشىگە تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى توختىتىپ قويمىغانلىقىنى، بۇنىڭ كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولىدىغانلىقى، جۈملىدىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۈز يىللىق خاتىرىسىدىكى نۇتقىدا «بىزگە قارشى چىققان ھەرقانداق كىشىنىڭ بېشى يېرىلىپ قېنى ئاقىدۇ» دەپ داۋراڭ سېلىۋاتقان مىنۇتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى ئەسىردىكى قىرغىنچىلىققا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى.

يىغىننىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرى پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ كونتروللۇقى، ئۆكتىچىلەرنىڭ رولى قاتارلىق تېمىلارغا ئاجرىتىلغانىدى. يىغىننىڭ «كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا جامائەت» تېمىسىدىكى مۇھاكىمىسىدە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تېمىسىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ تۈرلۈك پاكىتلىرى تولۇقى بىلەن مەلۇم ئ‍ىكەنلىكى، ھازىر بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ غەرب دۇنياسىدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ خەۋەر قىلىنىۋاتقانلىقى، يەنە كېلىپ ئاشۇ قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەن شاھىتلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىمۇ بۇنى تولۇق تەستىقلايدىغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ «بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتىدۇ. مەن ھەرقايسىڭلارغا بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ جىنايەتلىرىنى تېخىمۇ تەپسىلىي سۆزلەپ بېرەي» دېدى. بولۇپمۇ ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا قامالغان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئوبيېكتى بولۇۋاتقان سانسىزلىغان ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنىڭ ئائىلە جۇدالىقى، ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنىڭ توپ-توپ ھالدا خىتاي ئاققۇنلىرىغا ياتلىق بولۇشقا مەجبۇرلىنىشى، لاگېرلارغا قامالغان ھىمايىسىز قىز-چوكانلارنىڭ بولسا جىنسىي خورلۇقلارغا مەھكۇم بولۇشى، لاگېر تېشىدىكى ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنىڭ تۈرلۈك تېببىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تۇغالماس قىلىۋېتىلىشى قاتارلىق ئەھۋالنى قىسقا ۋە پاكىتلىق قىلىپ يىغىن ئەھلىگە بايان قىلىپ بەردى. .

روشەن ئابباس يىغىن ئەھلىگە بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە «ئۇچۇر دەۋرى» دەپ ئاتالغان بىر زاماندا بۇ قىرغىنچىلىقلاردىن ھازىر بارغانسېرى كۆپ ساھەنىڭ خەۋەردار بولۇۋاتقانلىقى، شۇنداق بولغانىكەن ئەمدى ھەممىلا كىشىنىڭ زىممىسىگە بۇ خىل زۇلۇمنى چەكلەشكە كۈچ چىقىرىش مەجبۇرىيىتىنىڭ ئارتىلغانلىقىنى، يەنە كېلىپ ئۆتكەن ئەسىردە «ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دەپ دەبدەبىلىك جاكارلانغان دۇنياۋى ۋەدىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ پەيتى كەلگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن يوقىتىش ئوبيېكتى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەدىسى گۈلشەن ئابباسقا ئوخشاش زىيالىيلار بولۇۋاتقانلىقىنى، مۇشۇ خىلدىكى بىر مىللەتنى يوقىتىشتەك قەبىھ قىلمىشقا شۇنچە كۆپ دۇنياۋى شىركەتلەرنىڭ بىلىپ-بىلمەي شېرىك بولۇۋاتقانلىقىنى، دۇنيادا سۈكۈت داۋام قىلىۋاتقاندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ بۇ زۇلۇملارنى دۇنياغا كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، بۇنداق بىر دۇنياۋى تەھدىتنىڭ ئالدىنى ئالمىغاندا بۇنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، يېقىن كەلگۈسىدە پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر ئورتاق ئاپەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

يىغىننىڭ كېيىنكى بۆلەكلىرىدە «ۋاسلاۋ خاۋېل مۇكاپاتى» كومىتېتىنىڭ دىرېكتورى مارتېن پالوئوس، «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ياڭ جيەنلى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن ماركو رۇبيو، مارىيا سالازار قاتارلىقلارمۇ كوممۇنىستىك تۈزۈمگە ئەسىر قىلىنىۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە پىكىر قىلدى.

يىغىندىن كېيىن روشەن ئابباس رادىيومىزنىڭ ئايرىم زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھاجىرەت ھاياتىدا ئۇيغۇر داۋاسىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تېخىمۇ كۆپ ساھەگە ئاڭلىتىش ھەمدە تېخىمۇ كۆپ ساھەنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. .

روشەن ئابباسنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتقان ھەمدە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر بۇ ھەقتە بەزى قارارلارنى ئېلىۋاتقان بولسىمۇ دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى يېتەرلىك بولدى، دېيىشتىن تېخى يىراق ئىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا ھەرقايسى ساھەنىڭ بۇ مەسىلىگە ئىگە چىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈش تېخىمۇ مۇھىم ئىكەن. .

نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ داۋا ئىشلىرىدىكى بىر مۇھىم ۋە ئۈنۈملۈك ۋاسىتە، دەپ قارالماقتىكەن.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.