ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ كۈرەش ھاياتى ئەسلەپ ئۆتۈلدى

بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى ئىلھام توختى، چەت ئەل تاراتقۇلىرى ۋە ئۆزى قۇرغان «ئۇيغۇر بىز» تورىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، 2014-يىلى 23-سېنتەبىر كۈنى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئىلھام توختىنى «بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللى قۇتراتقۇلۇق» بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنى ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلھام توختى خەلقئارادا «ئۆز خەلقى ئۈچۈن باراۋەرلىك ۋە ئادالەت تەلەپ قىلغان قەھرىمان» دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.

ئۇ تۈرمىگە قامالغان7 يىلدىن بۇيان، «مارتىن ئاننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»، «ۋېيمار ئەركىنلىك مۇكاپاتى»، «رۇسلاف خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»، «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» قاتارلىق 10 خىلدىن ئارتۇق خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە 2019-يىلى ۋە 2020-يىللىرى ئۇدا ئىككى قېتىم «نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى. بۇ 7 يىلدىن بۇيان، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ۋە ئۇنى خاتىرلەش پائالىيەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا.

23-سېنتتەبىر كۈنى «ئىلھام توختى ئىنىستىتوتى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېنگىلىز تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىدا «ئىلھام توختى تور مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلگەن. ئېنگلىز تىلىدىكى تور مۇھاكىمە يىغىنى 23-سېنتەبىر ۋاشىنگىتون ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 11 دىن سائەت 12:30 غا قەدەر بىر يېرىم سائەت داۋاملاشقان. يىغىنىدا ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچىلەر ۋە مۇتەخەسىسلەردىن ئۆركەش دۆلەت، ئىلشات ھەسەن، تېڭ بياۋ، كىرىستىنا، شېڭ شۆ قاتارلىقلار ۋە ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر ئىلھام سۆز قىلغان.

يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئېلشات ھەسەن ئالدى بىلەن سۆز نۆۋىتى ئالغان. ئىلشات ھەسەن سۆزىدە ئىلھام توختىنى دۇنيا ئېتىراپ قىلغان بىر قەھرىمانغا ئايلاندۇرغىنى دەل ئۇنىڭ مۇستەبىت خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى بېيجىڭدا تۇرۇپ، ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرى ۋە باراۋەرلىكىنى تەلەپ قىلغان جاسارىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن سۆزىدە يەنە ھەققانىيەت ئۈچۈن ھاياتى بەدىلىگە كۈرەش قىلغان ئىلھام توختىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن تونۇشى، ئىلھام توختى ئائىلىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۆلىگەن ئېغىر بەدىلىنىڭ قىممىتىنى بىلىشى، شۇنداقلا ئىلھام توختىنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقىنىڭ قەدىرلىنىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

1989-يىلدىكى تىيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دېموكراتىيە تەلەپ قىلىش ھەركىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولغان، نۆۋەتتە تەيۋەندە ياشاۋاتقان ئۆركەش دۆلەت، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ھەققانىيەت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ دادىسى ئىلھام توختىدىن ئايرىلىپ ئامېرىكادا يىگانە ياشاشقا مەجبۇر بولغان ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام، نارىسىدە بالىلىق مەزگىلىدىلا يېتىمچىلىك قىسمىتىگە مەھكۇم بولغان ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىككى ئوغلى ۋە بۇ ئائىلىنىڭ ئېغىر يۈكىنى ئۈستىگە يالغۇز ئېلىشقا مەجبۇر بولغان ئايالى گۈزەلنۇرنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىسمەتلەرنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۆركەش دۆلەت ئىلھام توختىنى، دىكتاتور خىتاي ھۆكۈمىىتى تەرىپىدىن جازالىنىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، ھەققانىيەت ئۈچۈن سۆزلەشكە جۈرئەت قىلغان، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان «ئەركىنلىك جەڭچىسى» دەپ تەرىپلىدى.

ئۆركەش دۆلەت يەنە نۆۋەتتە بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراشتەك ئەڭ مۇشەققەتلىك قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ھەركىتىنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىش يولىدىكى كۈرەشنى بىر قىسمى، دېدى.

يىغىندا يەنە 2019-يىلى ئىلھام توختىغا ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن بېرىلگەن «راسلوف خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپتى» ۋە باشقا بىرقانچە خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئىلھام توختىنى نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن خىتاي دېموكراتلىرىدىن كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شېڭ شۆ خانىممۇ سۆز قىلدى.

شېڭ شۆ خانىم ئىلھام توختىنىڭ پائالىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى. ئۇ ئىلھام توختىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرى ۋە باراۋەرلىكىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغان بىر قەھرىمان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پۈتكۈل خىتاي خەلقىگە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى تونۇتۇشتا «كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان شەخس» ھەمدە «زۇلۇمغا قارشى سۆزلىيەلىگەن قەھرىمان» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

يىغىندا يەنە نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەكلىپلىك پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتقان، ئىلگىرى بېيجىڭدا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى بولغان مەزگىلدە ئىلھام توختى بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولغان تېڭ بياۋ ئەپەندىمۇ ئىلھام توختى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

تېڭ بىياۋ ئەپەندى سۆزىدە ئىلھام توختىنىڭ خىتايدىكى زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىكلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ قارشى پىكىر بايان قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان، سۈكۈت قىلىش يولىنى تاللىغان خىتاي زىيالىلىرى ئۈچۈنمۇ بىر قەھرىمانلىق ئۈلگىسىنى ياراتتى، دېدى.

يىغىن ئاخىرىدا سۆز نۆۋىتى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەرگە بېرىلدى.

جەۋھەر سۆزىدە ئاۋۋال مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغان «ئىلھام توختى ئىنىستىتوتى» رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىگە ۋە يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسىسلەرگە رەخمەت ئېيتتى. ئاندىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دادىسى ئىلھام توختىنى ئادالەتسىزلەرچە تۈرمىگە قامىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

جەۋھەر سۆزىدە، ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىدىن ئۆزشىنىڭ خەۋىرى بولمىغانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكادا ئوقۇش جەريانىدا دادىسىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇلىنىش جەريانىدا دادىسى ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى پۈتكۈل خىتاي خەلقى ۋە دۇنياغا ئاڭلاتقان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جەۋھەر بۇندىن 8 يېرىم يىل ئىلگىرى، يەنى 2012-يىلى 2-ئايدا بېيجىڭ ئايرودرومىدا دادىسى ئىلھام توختى تۇنجى قېتىم تۇتقۇن قىلىنغاندا، دادىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىپ، ئامېرىكاغا كەلگەنلىكى ۋە شۇندىن كېيىنكى كەچمىشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ يىللاردا دادىسىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ۋە خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى بىر ئاكتىپ پائالىيەتچىگە ئايلانغان.

جەۋھەر سۆزىنىڭ ئاخىرىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراشتەك ئەڭ ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دادىسى ئىلھام توختىغا ئوخشاش تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنى كۈچەيتىشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىگە جىددىي رەۋىشتە دىققەت قىلىشى ۋە تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.