ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇيغۇرلار

9-دىكابىر، خەلقئارالىق ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش ۋە بۇ جىنايەتنى توسۇش كۈنى. بۇ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قەبىھ تەرىپىنى ئۇنۇتمايدىغان ھەمدە ئۇنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىنى چەكلەيدىغان كۈن. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتلەرنى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بۇ ئاپەتلىك قارا داغنى بىر-بىرلەپ يوقىتىشقا چاقىرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەشكە تېخى نۆۋەت كەلمىدى، چۈنكى ئۇ ھازىرمۇ ئاكتىپ ھالەتتە يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەگەر خەلقئارا بۇنىڭغا تېزدىن ھەرىكەت قوللانسا بۇ جىنايەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن بۇ زوراۋانلىققا تېزدىن تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

كانادا ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتە بىر قارار ئالدى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ بۇ سەپكە قېتىلىپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەك . بۇ قەبىھ جىنايەتكە توغرا نام بېرىش ئۇنى توسۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم باسقۇچىدۇر. سېناتور كارنىن (Cornyn) بىلەن سېناتور مېنىندىز (Menendez) بۇ قەبىھ جىنايەتنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىش توغرۇلۇق ئىككى پارتىيەگە قارارنامە سۇندى، بىز تېخىمۇ كۆپ سېناتورلارنى بۇ ھەرىكەتكە قېتىلىشقا چاقىرىمىز.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جىنايەتنى ئەڭ بۇرۇن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى دەپ بېكىتكەن تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. بۇ تەشكىلات بۇ يىل 7-ئايدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرۇلۇق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايىتىنىڭ تامامەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىمنىڭ كۆزىتىشىچە، كۆپلىگەن دۆلەتلەردە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى تونۇپ يەتكەن سىياسەتچىلەر بارغسېرى كۆپەيگەن بولسىمۇ، ئۇلار ئېغىزىدىلا سۆزلەپ قويۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللانمىغان ياكى كېچىكىپ ھەرىكەتكە ئۆتكەن.  روشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا ئورگانلارنىڭ دۇنيا خەلقى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، بۈگۈنكى زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ خىتايدىكى قۇللۇق تۈزۈم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى نورماللاشتۇرۇش جىنايىتىنى توسۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.