(ئابدۇلھاكىم ئىدرىس)

كىشى بىرەر يەردە پالاكەتكە ئۇچرىغاندا بىر كىمدىن ياردەم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن «ئادەم بارمۇ؟» دەپ توۋلايدۇ. بۇ، شۇ كىشىنىڭ ئۆز جېنىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بىرەر ئىنساندىن ياردەم تەلەپ قىلشىدۇر. بۈگۈن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشغالىيىتىدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى دۇنياغا «ئادەم بارمۇ؟» دەپ ۋاقىرىماقتا. ئەمما ناتسىستلارنىڭ ۋەھشىيلىكىنى ئەسلىتىدىغان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى چىقىۋاتقان ئادەمنىڭ تايىنى يوق. دەم ئېلىشقا چىققان بىر دوختۇر، ئادەتتىكى بىر ئىنسان ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا سولاندى، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قىزى زەمىرە مۇرات ھەدىسى زىبا مۇرات بىلەن بىرلىكتە ھەر كۈنى بىر كىملەرنى ياردەمگە چاقىرىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. بۈگۈن دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى، ھېچ بولمىسا بۈگۈن خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئويغىنىشى كېرەك.

بىر چاغلاردا ئىستانبۇلدىكى بىر دوستىمىز تېلېفوندا بىرسىگە ئۇزۇن ھېكايىلەرنى سۆزلىگەن ئىدى. قارشى تەرەپ ھېچ جاۋاب بەرمەي، بۇ گەپلەرنى ئاڭلاۋاتقاندەك قىلاتتى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ۋە ئۇنى تونۇيدىغان يەنە بىر دوستوم ماڭا ئۇنى چۈشەندۈردى: «ئۇنىڭ ئانىسى كېسەل، گەپ قىلالمايدۇ. ئۇمۇ ئانىسىنىڭ جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇڭا ھەر كۈنى ئانىسىغا تېلېفون قىلىپ، بۈگۈن نېمە ئىش قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئانىسىدىن بىرەر گەپ ئاڭلىيالمىسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈۋېلىشى ئەڭ چوڭ غەنىمەت». ئانىسى گەپ قىلالمىسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا بولسىمۇ كۆرۈشۈشنىڭ قەدرى ئۇ چاغلاردا بەك بىلىنمەيتتى. ئانىسىغا تېلېفون ئۇرۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭ يەنە بىر نەۋرە كۆرگەنلىك خەۋىرىنىمۇ بېرەلمىگەن زەمىرە مۇرات ۋە باشقا ئۇيغۇرلار  ئۇچراۋاتقان زۇلۇم بۇ خاتىرە كۈنىدە تېخىمۇ بىلىنمەكتە. بۇنىڭدىن 4 يىل بۇرۇن، ئانام ۋەتەندىكى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ قايتىپ كېلىدۇ دەپ ئويلىغان زەمىرە، ئانىسىنى ۋەتەنگە يولغا سالىدۇ؛ كېيىن ئانىسىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلايدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئانىسىنىڭ سىڭلىسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى روشەن ئابباسنىڭ كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختاتماقچى بولۇشىدۇر. ئۇ ئانىسىغا قايتا-قايتا تېلېفون قىلىپ ئالالمايدۇ؛ ئانىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش تۈگۈل، ئۇنىڭ نەدىلىكىنىمۇ تا بۈگۈنگىچە يەنى ئىككى يىلدىن ئارتۇق بىلەلمەيدۇ؛ كومۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقىي تام ۋە ئىنتېرنېت تاملىرى بىلەن تۈرمىلەرگە ئايلاندۇرغان شەرقىي تۈركىستاندا ئانىسىنىڭ نەدىلىكىنى بىلىدىغان بىر كىمنىمۇ تاپالمايدۇ. تاپالىغان كىشىنىڭ ھەممىسىدىن «ئانام نەدە؟» دەپ سورايدۇ، ئەمما جاۋاب ئالالمايدۇ. چۈنكى زالىم خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاپەتتۇر، شۇڭا ھېچكىم ئۇيغۇرلار بىلەن ياكى ئۇيغۇرلار ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلالمايدۇ.

ئانىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىپ 2 ھەپتىدىن كېيىن زەمىرەنىڭ ئىككىنچى بالىسى دۇنياغا كېلىدۇ. بۇ خۇش خەۋەرنى ئانىسىغا يەتكۈزۈش گەرچە ئىنسانلىقنىڭ ئەڭ ئەقەللىي بىر ھەققى بولسىمۇ، كوممۇنىست خىتاينىڭ تام-توساقلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتەلمەيدۇ. بىر ياقتا يېڭى بوۋاق بىلەن بولسا، بىر ياقتا «ئانام نېمە كۈنلەرنى كۆرۈۋاتقاندۇ»دېگەن ئەندىشىدە ياشايدۇ. ئىككى يېشىدىكى تۇنجى بالىسىدىن كېيىن زەمىرەنىڭ ئىككىنچى بالىسى تۇغۇلىشى بۇ ياش ئانا ئۈچۈن بەخت ۋە خۇشاللىق بولسىمۇ، ئۇنى قايغۇ-ئەلەم بېسىۋالىدۇ. چۈنكى بۇ خۇش خەۋەرنى تۇنجى بولۇپ ئاڭلايدىغان ئانىسى تۇتقۇن قىلىنىپ خەۋىرى يوق ئىدى. نەدە تۇتۇلدى، ساقمۇ-كېسەلمۇ، تۈرمىدىمۇ ياكى لاگېردىمۇ، ياكى زاۋۇتلارغا يوللانغان باشقا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش قۇل قىلىندىمۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ جاۋابى يوق. جاۋاب بېرىدىغانلار بولسا «ئادەم بارمۇ؟» پەريادىغا قۇلاق يوپۇرۇپ يۈرمەكتە. ئارىدىن 20 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن  ئانىسى ئىشلەيدىغان دوختۇرخانىدىكى بىر خىزمەتچىدىن ئۇنىڭ لاگېرغا يوللانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئالىدۇ، قايغۇلۇق بىر تەسەللىي تاپىدۇ، ھەر نېمە بولسا ھايات ئىكەن دەيدۇ. ئاللاھ نېسىپ قىلسا ئۇ زىنداندىن قۇتۇلىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان نەۋرىسىنىڭ خۇش خەۋىرىنى ئاڭلايدۇ دەپ ئويلايدۇ. كوممۇنىست خىتاي ئۆزىنىڭ دىپلوماتلىرى ئارقىلىق دۇنياغا «بىز سۆھبەتلىشىشكە تەييار»دەيدۇ، ئۇ ھالدا زەمىرە مۇرات ۋە ئۇنىڭ ئائىلسى ھەقلىق يوسۇندا «ئانىمىز نەدە؟»دېگەن سوئالنى سورىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى نېمىشقا جاۋاب بەرمەيدۇ؟ بۇنىڭ ئورنىغا خىتاي ھۆكۈمىتى تور دۇنياسىدىكى قول چوماقچىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، يالغان تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ. ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياپ كېلىۋاتقان خىتاي «گۇلشەن ئابباسقىمۇ، باشقا ئۇيغۇرلارغىمۇ زۇلۇم قىلمىدۇق، بەلكى ئۇلارنى تەربىيەلىدۇق» دەيدۇ. دەم ئېلىشقا چىققان، خىتايچىنى پىششىق بىلىدىغان، قانۇننى بىلىدىغان دوكتور گۈلشەن ئابباسقا خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە تەربىيە بېرىدۇ؟ ئەلۋەتتە، بۇ يەردە ئۇنى تەربىيەلەيدىغان ئىش يوق، خىتاينىڭ ئۇنى ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن لاگېرغا سولىغانلىقى ئېنىق. ئەسلىدە ھەممە ئىش ئايدىڭ، ئىشغالىيەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش قارا نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا توسالغۇ دەپ قارايدۇ؛ بۇنى يوقىتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان شۇملۇم ۋە جىنايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ. دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىشىمىز كېرەككى، بۇ زۇلۇم كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاش ئىنسانىي ۋەزىپىدۇر. زەمىرە مۇرات ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەدىسى زىبا مۇرات بىلەن بىرلىكتە ئانىسىنىڭ فوتوگرافىنى ھەمبەھىرلىگەندە «ئانىمىز نەدە؟» دەپ سوئال قويدى، بۇ سوئالغا بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جاۋاب بېرىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ چاقىرىق-نىدالىرى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىنىشى كېرەك.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

One Response

  1. مىنىڭ ئېسمىم ئابدۇراخمان توختى مەن چەتەلگە چىقىلى 8 يىل بولدى ئائېلەمدىن ئالاقە ئۇزۇلگلى 3 يىلدىن ئازراق ئاشىتى مەنھازىر ئېستانبۇلدا ياشايمەن مىنىڭنئائېلەمدىن توپلام 12 ئادەم يوق دادام توختى ئەمەت .ئاپام ئاينۇر قاسىم،چوڭ ئاكام ئەمەتجان توختى،ئوغلى ئابدۇللا ئەمەتجان،كچىك ئاكام مەمەتجان توختى،چوڭ سىڭلىم ئارزىگۇل توختى،ۋە يولدىشى تۇرغۇن ئەيسا ،كىچك سىڭلىم ئارزىگۇل توختى ۋە يولدىشى
    مىنىڭ ئايالىم پەرىدە ياسىن. ئوغلۇم ئابدۇلئەزىز ئابدۇراخمان ،قىزىم نادىرە ئابدۇراخمان
    بۇلار بىلەن ئۇچ يىلدىن كوپرەك ۋاقتىن بىرى ھىچ ئالاقەم يۇق ئەمما كىيىن مەھەلدىكىلەدىن ئالغان خەۋرىم بىلەن بۇلارنىڭ ھەمىسنى تۇرمىگە كىسۋەتكەن خەۋرىنى ئالدىم قانچلىك كەستى قايسى تۇرمىدە ئېكەنلكىدىن خەۋەر ئالامدىم سىڭلىمنىڭ بالىرى باتى ئاكامنىڭمۇ بالىرى باتى ئۇلا قايسى يەردە ھىچ خەۋەر ئالامدىم ئېككى يىلدىن بىرى تۇخىتماي ئۇلانى قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇن ھەركەت قىلۋاتىمە ئەمما نەتىنجە ئالامدىم