ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻏﻪﺭﺑﻨﯩﯔ ﺳﯜﺗﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﭖ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯜﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﻤﯩﺸﻜﻪ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﺪﻯ

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻏﻪﺭﺑﻨﯩﯔ ﺳﯜﺗﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﭖ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯜﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﻤﯩﺸﻜﻪ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﺪﻯ
ﺧﯩﺘﺎﻱ 23-ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﯩﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯜﺕ ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ 42،7% ﻟﯩﻚ ﺑﺎﺝ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﻰ ﺳﯜﺗﻠﯜﻙ ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ، ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ، ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ، ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﺘﻪ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﮔﯚﺷﻰ ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺝ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯧﻠﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﺎﻣﻮﺟﻨﺎ ﺑﯧﺠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﭺ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﻤﻰ ﺳﺎﻧﯩﻼﺗﺘﻰ.
ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮔﯚﺵ ﯞﻩ ﺳﯜﺗﻠﯜﻙ ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺗﻼﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﻣﺪﺍﻳﺪﯗ؟
ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ﮪﻪﻡ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺯﯨﺴﯩﻐﺎ (ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﺎﺯﯨﺴﯩﻐﺎ)، ﮪﻪﻡ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﮔﯚﺷﻰ ﺑﺎﺯﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺯﯗﯞﺍﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» ﯞﻩ «ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﺗﻮﺭﻯ»ﻧﯩﯔ 24-ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﺪﻩ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، 2026-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ-ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﻰ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺳﺎﻗﻼﺵ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ 21 ﻛﯜﻥﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﺎﺳﺘﯧﺮﻻﻧﻐﺎﻥ ﺳﯜﺗﻨﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﺩﯦﻤﻪﻛﻜﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻏﻪﺭﺑﻨﯩﯔ ﮔﯚﺵ ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺳﯜﺕ ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ، ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯚﺷﯩﻨﯩﯔ، ﺳﯧﻐﯩﭗ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯜﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﮪﺎﺯﯨﺮﻻﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﻣﻤﯩﮕﻪﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﯩﺴﻰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻤﯩﺘﻰ؟

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

بۇندىن 60 يىل ئىلگىرىكى قىرغىنچىلىقتىن ياشلارنىڭ بەلكىم خەۋىرى يوق

بۇندىن 60 يىل ئىلگىرىكى قىرغىنچىلىقتىن ياشلارنىڭ بەلكىم خەۋىرى يوق ماۋ زېدوڭ 1949-يىلى خىتايدا ھاكىمىيەت بېرىشىغا چىقىپ ئۆزىنى ئىلاھلاشتۇرۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، 1966-يىلى 5-ئايدا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەيدىغان بىر ھەرىكەتنى

مىليونلىغان ئىنساننى ئالدىغان بىر يالغان

مىليونلىغان ئىنساننى ئالدىغان بىر يالغان ئامېرىكا پرىزدېنتى ترامپ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بېيجىڭدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، خىتاي تەرەپتىن ھەدىيە قىلىنغان سوۋغاتلارنى، بىر قېتىملىق ئىشلىتىلىدىغان يانفونلارنى ۋە باشقا بويۇملارنى ئايرۇدۇرۇمدىكى ئەخلەت

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتى يىغىنىدا

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتى يىغىنىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، RFA ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇدىرى ئالىم سېيىتوف، خەلقارا

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ «ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ»ﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ «ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ»ﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ «ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ، ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ، NED ﻧﯩﯔ ﮪﻪﻱﺋﻪﺕ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ «تې ھىل» ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﻯ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ «The Hill» ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ، ﺗﺮﺍﻣﭗ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ «The Hill» ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: «ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسى خىتايغا قارشى ئورتاق ئىككى قارار ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسى خىتايغا قارشى ئورتاق ئىككى قارار ماقۇللىدى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەربابلىرىدىن Dick Durbin ۋە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى سودا،

ترامپنىڭ بېيجىڭ زىيارىتىدىن ئىلگىرى

ترامپنىڭ بېيجىڭ زىيارىتىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ئامېرىكا پرىزدېنتى ترامپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى 11-ماي Lafayette مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، ترامپتىن ھەدىسى

خىتاينىڭ دىنغا قارشى ئۇرۇشى

خىتاينىڭ دىنغا قارشى ئۇرۇشى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشان ئابباس ۋە يۇقىرى دەرەجىلىك سىياسەت ئىشلىرى مۇدىرى Franz Matzner، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس قاتارلىقلارلار، Xudson inistituti