ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﯚﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ 97% ﻛﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ

ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﯚﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ 97% ﻛﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ
ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 6-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 4-ﻛﯜﻧﻰ ﻟﻰ ﺟﻪﻳﻤﻴﯘﯓ (Lee Jae-myung) ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﭘﺮﯨﺰﺩﯦﻨﺘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺸﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﻛﯜﭼﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ 79 ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ 9-ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺳﯧﺌﯘﻝ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ 2022-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺭﺍﻱ ﺳﯩﻨﺎﺷﺘﺎ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ 91% ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎﻧﯩﯔ ﭘﯧﯟ (Pew) ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ 2024-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺭﺍﻱ ﺳﯩﻨﺎﺷﺘﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯘ ﺳﺎﻥ 97% ﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ.
ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ؟
ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪﮔﻪ ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺗﻜﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻳﻨﻪﺗﻠﯩﻜﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﭘﻪﺭﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ.
ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻛﯧﯖﻪﻳﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﭼﻜﯚﺯﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﮪﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.
ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﺯﯨﺒﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ «ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﺮﯨﮕﯩﻜﻰ 37-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ 668-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯩﺪﻯ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﺧﻮﯕﻜﻮﯓ ﯞﻩ ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﺪﯨﻦ ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺗﻜﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺸﯩﭽﻪ، ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪﺩﻩ ﺧﯩﺘﺎﻳﭽﻪ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ «ﻳﻮﻗﺎﻝ!» ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﻟﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻥﮔﻪﻥ. ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻼﺭ ﺋﻪﯞﯨﺞ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﭘﺮﯨﺰﺩﯦﻨﺖ ﻟﻰ ﺟﻪﻳﻤﻴﯘﯓ ﻣﯘ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
Ist möglicherweise ein Bild von 4 Personen, Menschenmasse und Text

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

دېموكراتىك كۆرەشنىڭ سەرخىللىرى بىلەن نيۇ-يوركتا

دېموكراتىك كۆرەشنىڭ سەرخىللىرى بىلەن نيۇ-يوركتا خەلقارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى رىشات ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباسلار 17-ئاپرىل نيۇ-يوركتا قىسقىچە RDI

مالايسىيا ھۆكۈمىتى بېيجىڭغا باش ئەگدى، ئامېرىكالىق ئۇيغۇر ئالىمىنى تۇتقۇن قىلدى ۋە قوغلاپ چىقاردى

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئاخباراتى . مالايسىيا ھۆكۈمىتى بېيجىڭغا باش ئەگدى، ئامېرىكالىق ئۇيغۇر ئالىمىنى تۇتقۇن قىلدى ۋە قوغلاپ چىقاردى . ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ 2026-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامېرىكالىق

يالې ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارىلاش

يالې ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارىلاش ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم بۈگۈن Connecticut شىتاتىنىڭ New Haven شەھرىدىكى يالې ئۇنىۋېرسىتېتى (Yale University) دا «خىتاينىڭ تېخنىلوگىيەلىك

دۇنياۋىي ياش رەھبەر ئارفىيا ئېرىگە مۇبارەك بولسۇن

دۇنياۋىي ياش رەھبەر ئارفىيا ئېرىگە مۇبارەك بولسۇن! ئارفىيا ئېرىنىڭ «داۋۇس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى» تەرىپىدىن «دۇنياۋىي ياش رەھبەر» بولۇپ تاللانغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز. ئارفىيا ئېرىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، ياش دۇنيا رەھبەرلىرى

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻓﻮﻧﺪﻯ (FDD) ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ 19 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﯘﻗﺮﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﺳﯩﺮ

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس مالايسىيادا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە قوغلاپ چىقىرىلغان

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس مالايسىيادا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە قوغلاپ چىقىرىلغان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ يولدىشى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن مالايسىيادا تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر مەزىلگىن كېيىن

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاقسارايدا

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاقسارايدا خەلقارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتۇر رىشات ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى رۇشەن ئابباسلار 15-ئاپرىل كۈنى ئاقسارايدا ھۆكۈمەت

ئەرگە بىر نۆۋەت، يەرگە بىر نۆۋەتمۇ؟

«ئەرگە بىر نۆۋەت، يەرگە بىر نۆۋەت»مۇ؟ ئەنگىلىيەلىكلەرنى «خىتاينىڭ ئالدىدا كۈچۈكلىنىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى» دېگەن گەپنىڭ گۇمانلىنىدىغان يېرى قالماپتۇ. يالغۇز گېئوسىياسەتتىلا ئەمەس، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلار ۋە ئادەتتىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ ئەنگىلىيەلىكلەر