«ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﻰ» ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﻰ ﺗﺎﺷﻘﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ

«ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﻰ» ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﻰ ﺗﺎﺷﻘﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى چارشەنبە كۈنى «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى» دەپ ئاتالغان بۇ قانۇن لايىھەسىگە بېلەت تاشلاپ، ھەممە ئەزالىرىنىڭ ماقۇللىشى بىلەن مەزكۇر كومىتېتتىن بىردەك ئاۋاز بىلەن ئۆتكەن. بۇ قانۇن لايىھەنى ئامېرىكانىڭ ئىككى ئوخشىمىغان پارتىيەنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن ياڭ كىم، ئامى بېرا، گرېگورى مىكس ۋە يەنە بەش ئەزاسى بىرلىكتە تونۇشتۇرغان ئىكەن. ئامېرىكادىكى ئىككى پارتىيە ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشلار بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نىڭ بىردەك ئاۋاز بىلەن ئۆتۈشى ئامېرىكادىكى ئىككىلا پارتىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قوللۇشىنىڭ ھېچ ئۆزگەرمەي داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ تولۇق ئىسپاتى ئىكەن.
بۇ قانۇن لايىھەنىڭ ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىدىن ئۆتىشى بىلەن مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاپتورى ياڭ كىم خانىم، «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقان خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئۆزىگە خاس سالاھىتىنى قوغدىشى ئۈچۈن قورال بىلەن تەمىنلەپ بېرىدۇ. مەن ئاۋام پالاتا تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بۇ تىرىشچانلىقنى قوللىغىنىغا تەشەككۈر ئېيتىمەن. مەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى توختاۋسىز مەيداندا تۇرىمەن ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئىلگىرى سۈرىمەن» دېگەن.
بۇ قانۇن لايىھەدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئۆزىگە خاس دىنىي ۋە مەدەنىي سالاھىتىنىڭ بارلىقى، شۇنداقلا خەلقئارالىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئەھدىنامىسى بىلەن خەلقئارالىق پۇقرالار ۋە سىياسىي ھوقۇقلارنى قوغداش ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن بارلىق خەلقنىڭ ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنىڭدەك يەنە ئامېرىكانىڭ ئىككى سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئېلىپ بارغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ لايىھەنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىدىن ئۆتۈشىنى قىزغىن قارشى ئالدى. ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۆمەر قانات، «دۆلەت مەجلىس ئەزاسى ياڭ كىم خانىمنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسى ئۇيغۇرلارغا زور ئۈمىد بېغىشلايدۇ. بىزنىڭ خەلقىمىز ھازىر مەقسەدلىك ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاستىدا چىدىغۇسىز زۇلۇم چېكىۋاتىدۇ» دېگەن.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىجرائىيە دىرېكتورى روشەن ئابباس، «بۇ لايىھە دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان ئىستراتېگىيەلىك زۆرۈرىيەت بولۇپ، ئۇ يەنە بىرلا ۋاقىتتا خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ ئۆزى قوغدايمىز دېگەن قىممەت-قاراشلىرىنى قوللىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ» دېگەن.
بۇ قانۇن لايىھەدە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بېرىلگەن ھوقۇق شەرھىلىنىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەر، پروگراممىلار ۋە قوللاشلارنى ماسلاشتۇرىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان. بۇ قانۇن لايىھەدە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان دۆلەتلەرنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكلىرى بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى باشقا مىللىي ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىگە بولغان تېخىمۇ چوڭقۇر ھۆرمەتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەتنى قوللىشىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ قانۇن لايىھەدە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكانىڭ قانۇنىغا ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى نىشان قىلغان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر بېرىشى ۋە تەكشۈرىش ئاخباراتچىلىقى ئېلىپ بېرىشىنى قوللىشى تەلەپ قىلىنغان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى نازارەت قىلىدىغان مۇستەقىل دوكلادچىنىڭ تەيىنلىشىنى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ب د ت مۇنبەرلىرىدە قوللىشى تەلەپ قىلىنغان. بۇ لايىھەدىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى بولسا ئۇ ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بارلىق «قايتا تەربىيەلەش» لاگىرلىرىنى تاقاش ئىستراتېگىيەسى تۈزۈپ چىقىشىنى تەلەپ قىلغان.
بۇ قانۇن لايىھەدە يەنە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەردە دۆلەت مەجلىستىن مەسلىھەت ئېلىشى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە بېرىدىغان ياردەم پۇل توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك فېدېرال ئاگېنتلىقلار بىلەن ماسلىشىشى ۋە ئامېرىكانىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بولىدىغان دىئالوگىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، شۇنداقلا تۇتۇپ تۇرۇلغان، پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان ۋە دۆلەت ھالقىغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى قوللاش مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەلەپ قىلىنغان.
«ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن» لايىھەسى 2022 – ۋە 2024 – يىللىرىمۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تونۇشتۇرىلغان بولۇپ، شۇ چاغلاردىمۇ كۆپ ساندىكى ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشى بىلەن ئۆتكەن ئىدى.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

بۇندىن 60 يىل ئىلگىرىكى قىرغىنچىلىقتىن ياشلارنىڭ بەلكىم خەۋىرى يوق

بۇندىن 60 يىل ئىلگىرىكى قىرغىنچىلىقتىن ياشلارنىڭ بەلكىم خەۋىرى يوق ماۋ زېدوڭ 1949-يىلى خىتايدا ھاكىمىيەت بېرىشىغا چىقىپ ئۆزىنى ئىلاھلاشتۇرۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، 1966-يىلى 5-ئايدا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەيدىغان بىر ھەرىكەتنى

مىليونلىغان ئىنساننى ئالدىغان بىر يالغان

مىليونلىغان ئىنساننى ئالدىغان بىر يالغان ئامېرىكا پرىزدېنتى ترامپ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بېيجىڭدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، خىتاي تەرەپتىن ھەدىيە قىلىنغان سوۋغاتلارنى، بىر قېتىملىق ئىشلىتىلىدىغان يانفونلارنى ۋە باشقا بويۇملارنى ئايرۇدۇرۇمدىكى ئەخلەت

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتى يىغىنىدا

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتى يىغىنىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، RFA ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇدىرى ئالىم سېيىتوف، خەلقارا

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ «ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ»ﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ «ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ»ﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ «ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ، ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ، NED ﻧﯩﯔ ﮪﻪﻱﺋﻪﺕ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ «تې ھىل» ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﻯ

ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ «The Hill» ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ، ﺗﺮﺍﻣﭗ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ «The Hill» ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: «ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسى خىتايغا قارشى ئورتاق ئىككى قارار ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسى خىتايغا قارشى ئورتاق ئىككى قارار ماقۇللىدى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەربابلىرىدىن Dick Durbin ۋە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى سودا،

ترامپنىڭ بېيجىڭ زىيارىتىدىن ئىلگىرى

ترامپنىڭ بېيجىڭ زىيارىتىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ئامېرىكا پرىزدېنتى ترامپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى 11-ماي Lafayette مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، ترامپتىن ھەدىسى

خىتاينىڭ دىنغا قارشى ئۇرۇشى

خىتاينىڭ دىنغا قارشى ئۇرۇشى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشان ئابباس ۋە يۇقىرى دەرەجىلىك سىياسەت ئىشلىرى مۇدىرى Franz Matzner، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس قاتارلىقلارلار، Xudson inistituti