ۋاندېربىلت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ئامېرىكانىڭ تېننېسسە (Tennessee) شىتاتىدىكى داڭلىق مەكتەپلەردىن ۋاندېربىلت ئۇنىۋېرسىتېتى (Vanderbilt University)دا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات تەقدىم قىلدى.
بۇ پائالىيەتنى مەركىزى نيو-يوركتا بولغان «Renew Democracy Initiative» تەشكىلاتى بىلەن ۋاندېربىلت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «Vanderbilt’s Alexander Hamilton Society (AHS)» ناملىق تەشكىلات بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. «»Vanderbilt’s Alexander Hamilton Society»» بولسا ئامېرىكانىڭ تاشقىي سىياسىتى، دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىقتىساد ۋە دۆلەت باشقۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلىرىگە مەركەزلەشكەن پارتىيەسىز تەشكىلات.