ۋاشىنگتوندا «تىز پۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» مۇراسىمى

ۋاشىنگتوندا «تىز پۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» مۇراسىمى
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمىيىتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئورتاق تەشكىللىشى بىلەن 3-ئاۋغۇست ۋاشىنگتوندا «تىز پۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» ناملىق كىتاب ھەققىدە سۆھبەت پائالىيىتى بولۇپ ئۆتتى. پائالىيەت ۋاشىنگتون(Washington)، ۋېرجىنىئا(Virginia)، ماريلاند(Maryland)دىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى.
«تىز پۈكمەس بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك يولىدىكى كۆرىشى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ۋە د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم پائالىيەتتە، مەزكۇر كىتابتا ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيەنى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئورتاقلىشىپ، «تىزپۈكمەس» روھنىڭ ھەقىقىي مەناسىنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلىرىغا قارشى جاسارەتلىك بىر كۆرەش خاتىرىسىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بۇ كۆرەشنىڭ نوقۇل ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، ئەركىنلىكنى قەدىرلەيدىغان بارلىق ئىنسانلارنىڭ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
پائالىيەت جەريانىدا قىزغىن سۆھبەتلەر بولۇپ ئۆتتى. ئىشتىراكچىلار ئەسەر ئاپتورىغا گۈلدەستىلەر سوۋغا قىلدى. خاتىرە سۈرەتلەرگە چۈشتى.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن، قوللىغان، ئۇنىڭغا قاتناشقان بارلىق قېرىنداشلىرىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەتلىرىنى بىلدۈرىدۇ.

Share

Facebook
Twitter
LinkedIn
WhatsApp

Campaign for Uyhgurs

We defend the human rights of uyghur people and the free world by exposing and confronting the chinese government's genocide, and empowering uyghur women and youth in the diaspora.

ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﻨﯩﯔ 64 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ

ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﻨﯩﯔ 64 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ، 8 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﺪﻩ ﻧﺎﮪﻪﻕ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺋﺎﺯﺍﭖ ﭼﯧﻜﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮪﻪﺩﯨﺴﻰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﻨﯩﯔ

ﮪﻮﻧﺪﯗﺭﺍﺱ ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩﭗ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﯩﻨﯩﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ

ﮪﻮﻧﺪﯗﺭﺍﺱ ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩﭗ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﯩﻨﯩﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻥﮔﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﺗﯘﻣﺸﯘﻗﯩﻐﺎ ﻳﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻣﯩﺴﺎﻟﻼﺭ ﻛﯚﭖ. ﻻﺗﯩﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ 10 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻠﯘﻕ ﻧﻮﭘﯘﺳﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﮪﻮﻧﺪﯗﺭﺍﺱ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ

ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ 13 ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯘﻕ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ

ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ 13 ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯘﻕ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ FBI ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﻰ «ﻣﻪﯞﮪﯘﻡ ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯘﻕ» ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﮔﺎﮪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﺎﻥ. ﺋﺎﺗﺎﻗﺘﺎ «ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺕ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﻯ،

چېخىيە خىتاي ماشىنىلىرىنىڭ سەزگۈر رايونلارغا كىرىشىنى چەكلەپ توغرا قىلغان

چېخىيە خىتاي ماشىنىلىرىنىڭ سەزگۈر رايونلارغا كىرىشىنى چەكلەپ توغرا قىلغان چېخىيە تاراتقۇلىرىدىن <<Seznam Zprávy>>نىڭ 11-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، چېخىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى باش ھەربىي شىتاب بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتايدا ئىشلەنگەن ئاپتوموبېللارنىڭ

ﺳﯧﻨﺎﺗﻮﺭ ﺧﺎﯞﺳﺎﻛﻮﺱ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﯩﻐﺎ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﯩﻨﻰ ﺳﯘﻧﺪﻯ

ﺳﯧﻨﺎﺗﻮﺭ Leo Housakos ﻛﯧﯖﻪﺵ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﯩﻐﺎ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻻﻳﯩﮭﻪﺳﯩﻨﻰ ﺳﯘﻧﺪﻯ ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﺳﯧﻨﺎﺗﻮﺭﻯ Leo Housakos ﺋﯩﻴﯘﻧﻨﯩﯔ 9-ﻛﯜﻧﻰ ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﭘﺎﻻﺗﺎﺳﯩﻐﺎ 8 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘﮔﯘﻧﺎﮪ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ

ﺑﯧﻠﮕﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﺕ ﺩﯤ ﯞﯦﯟﯦﺮ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ئۆزىنىڭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ

ﺑﯧﻠﮕﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﺕ ﺩﯤ ﯞﯦﯟﯦﺮ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ئۆزىنىڭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﻗﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯧﻠﮕﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻡ. Associated Press، Reuters، Bloomberg ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﮔﯧﻨﺘﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﺪﻩ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، 8-ﺋﯩﻴﯘﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯧﺮﻟﯩﻜﻰ