ۋاشىنگتوندا „ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنىنى خاتىرىلەش“ مۇناسىۋېتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىندى
دېكابىرنىڭ 9-كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىلەن بىرگە 12 تەشكىلات „9-دېكابىر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنىنى خاتىرىلەش“ مۇناسىۋېتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس خانىم ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر تەشكىلات ۋەكىللىرى „ئۇيغۇر سوت كوللوگىيەسى“نىڭ 2021-يىلى ئېلان قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارىنى خاتىرىلىدى. خىتاينىڭ ھېلىھەم داۋاملاشتۇرىۋاتقان زوراۋانلىقلىرىنى ئەيىپلىدى ۋە خىتاينىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، زۇلۇم ئاستىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش تەشەببۇسىنى ئىلگىرى سۈردى.