ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزىلىدىغان «ئەركىنلىك ئۈچۈن چاقىرىق» پائالىيىتىگە قاتنىشىڭ

ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزىلىدىغان «ئەركىنلىك ئۈچۈن چاقىرىق» پائالىيىتىگە قاتنىشىڭ
ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيە فوندى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرىشى بىلەن لىنكولىن خاتىرە سارىيىدىكى «ئەركىنلىك ئۆيى»دا 30-ئۆكتەبىر كۈنى «ئەركىنلىك چاقىرىقى» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇ پائالىيەت دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى خاتىرىلەش ۋە ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا بېغىشلانغان.
ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۆرەش قىلىپ ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا قەھرىمانلارنى ئۇنتۇلۇپ كېتىش، دۈشمەننىڭ نېنىغا ياغ سۈرتكەن بىلەن باراۋەردۇر. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋاشىنگتون رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.