گەپتە «نىشان خىتاي ئەمەس»، ئەمەلىيەتتە «نىشان خىتاي»
خىتاي 3-سىنتەبىر ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھارپىسىدا تۇرىۋاتقاندا، 25-ئاۋغۇست «دەرىجىدىن تاشقىرى گارۇدا قالقىنى» مانىۋېرى ھىندونىزىيە پايتەختى جاكارتادا باشلاندى.
ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ياپونىيە، ھىندونىزىيە، ئاۋىسترالىيە قاتارلىق 13 دۆلەت قاتناشقان، تارىختىن بۇيانقى بۇ ئەڭ كاتتا مانىۋېر 10 كۈن داۋام قىلىدىكەن.
مانىۋېر قوماندانلىق شىتابى گەپتە «مانىۋېرنىڭ نىشانى خىتاي ئەمەس» دېگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە «دېڭىز چىگراسىنى خالىغانچە كېڭەيتىۋاتقان دۆلەت»كە بېرىلگەن ئەڭ چوڭ سىگنال ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلغان.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ماقالىدىن كۆرۈڭ:
https://thediplomat.com/2025/08/us-indonesia-kick-off-largest-ever-super-garuda-shield-exercise/