گېرمان پارلامېنت ئەزاسى: بېيجىڭ، غەلۋە قىلما!
گېرمانىيەدىكى مىللىيەتچىلىك ۋە خىتايپەرەستلىك بىلەن تونۇلغان AFD (گېرمانىيە ئۈچۈن تاللاش) پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى Rainer Kraft گېرمانىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن 23-مايدىن 31-مايغىچە سوزۇلغان 9 كۈنلىك زىيارەت ئۈچۈن تەيۋەنگە بارغان. 25-ماي كۈنى خىتاي باياناتچىسى ماۋ نىڭ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، گېرمانلارنىڭ بۇ زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە ئۇنى ئەيىپلىگەن.
مەزكۇر پارتىيە ئىچىدىكى خىتايپەرەستلەرگە نىسبەتەن كۆز قارىشى باشقىچە بولغان Rainer Kraft، خىتاينىڭ بۇ ئەيىپلەشلىرىنى تەنقىد قىلىپ «بېيجىڭ، غەلۋە قىلما!» دېگەن ۋە خىتاينىڭ ئەينى زاماندا شەرقىي بېرلىندا كونسۇلخانا قۇرۇپ، غەربىي بېرلىننىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى يۈزىگە سالغان.
خىتاينىڭ يۈزىگە شاپىلاق بىلەن ئۇرغاندەك ئېيتىلغان بۇ سۆز، گېرمان مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.